قىزىل ئەجدىھا ھەرىكىتى: تۈركىيەدىكى چوڭقۇر خىتاي جاسۇسلۇق تورى

قىزىل ئەجدىھا ھەرىكىتى: تۈركىيەدىكى چوڭقۇر خىتاي جاسۇسلۇق تورى

ئىقتىسادىي ئۇرۇش، پۇل-مۇئامىلە قىلتاقلىرى ۋە جىمجىت قورشاۋنىڭ ئاناتومەيىسى

ئاپتورى: مىركامىل كاشغەرىي

1 – بۆلۈم

قۇرۇلمىسى ۋە مېخانىزملىرى – خىتاينىڭ كۆلەڭگە تورىنىڭ سىرىنى ئاشكارىلاش

كىرىش سۆز: ئۇرۇشنىڭ ئۆزگىرىۋاتقان ماھىيىتى ۋە تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك سەل قاراشلىرى

21 - ئەسىردە ئۇرۇش ئۇقۇمى قايتىدىن شەكىللەنمەكتە. ئۇ ئەمدى پەقەت تانكىلارنىڭ زەنجىرلىرىنىڭ ئاۋازى، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ئەجەللىك پارتلاشلىرى ياكى چېگرادىن بۆسۈپ كىرگەن ھەربىي فورمىلىق ئەسكەرلەردىنلا ئىبارەت ئەمەس. تۈركىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسى يېقىنقى يېرىم ئەسىردىن بۇيان دىققىتىنى ۋە چەكلىك بايلىقىنى بۇ كونكرېت، كۆزگە كۆرۈنىدىغان ئەنئەنىۋىي تەھدىتلەرگە مەركەزلەشتۈردى. چېگرا سىرتىدىن سىڭىپ كىرگەن تېرورلۇق تەشكىلاتلىرى، ئەگە ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى كەسكىن گېئوپولىتىك كۈچ رىقابىتى، رايونلۇق مۇقىمسىزلىقلار ۋە قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي ھەربىي ئىقتىدارى، تۈرك بىخەتەرلىك ئىدارىلىرىنىڭ ئاساسلىق مەشغۇلاتى بولۇپ كەلدى. ئەمما، دۆلەت ئەقلى بۇ «شاۋقۇنلۇق» ۋە كۆرۈنۈپ تۇرغان تەھدىتلەر بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقاندا، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە ئاكادېمىك قاتلاملىرىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قىسىملىرىغا سىڭىپ كىرگەن، تېخىمۇ مەخپىي، تەمكىن ۋە قۇرۇلمىلىق بىر قورشاۋ ئىستراتېگىيىسى، مۇتلەق دېگۈدەك بىر جىمجىتلىق ئىچىدە ۋە باش قايدۇرىدىغان بىر سۈرئەت بىلەن يىلتىز تارتماقتا.

بۇ «جىمجىت قورشاۋ»نىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بولۇپ، ئۇ ئىشلىتىۋاتقان قوراللار تۈركىيە كۆنگەن تانكىلار، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ياكى ھەربىي فورمىلىق ئەسكەرلەر ئەمەس. بىز يۈزلىنىۋاتقان تەھدىت، ئىككى خىتاي ھەربىي ئىستراتېگىيەچى چياۋ لياڭ ۋە ۋاڭ شياڭسۈي تەرىپىدىن 1999-يىلى يېزىلغان ۋە زامانىۋى ئۇرۇشنىڭ ماھىيىتىنى قايتىدىن بېكىتكەن چەكسىز ئۇرۇش (Unrestricted Warfare) تەلىماتىنىڭ ئەمەلىيەتكە تەدبىقلانغان، 25 يىللىق تەجرىبە بىلەن يېتىلگەن ۋە تېخنولوگىيىلىك تەرەققىياتلار بىلەن قورقۇنچلۇق بىر كۈچكە ئېرىشكەن ھالىتىدۇر. [¹] بۇ تەلىمات، ئەنئەنىۋىي ئۇرۇش ۋە تىنچلىق ئوتتۇرىسىدىكى ئېنىق سىزىقنى خىرەلەشتۈرۈپ يوقىتىدۇ ۋە زامانىۋى ھاياتنىڭ ھەر بىر ساھەسىنى—تىجارەت، پۇل-مۇئامىلە، قانۇن، تېخنولوگىيە، ئاكادېمىيە، ئاخبارات ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى—يوشۇرۇن بىر ئۇرۇش مەيدانى ۋە قورال سۈپىتىدە تەسۋىرلەيدۇ. (بۇ ساھەلەردىكى ئاكتىيورلىرىنى بولسا، ئالدىنقى سەپ جەڭچىسى دەپ سۈپەتلەيدۇ.)

بۇ كۆپ قاتلاملىق ئۇرۇش ئۇقۇمىنىڭ ئاخىرقى نىشانى، بىر زېمىننى ئىشغال قىلىش ياكى فىزىكىلىق بىر فەتىھ ئەمەس؛ تېخىمۇ خەتەرلىكى، نىشاندىكى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئىچىدىن يىمىرىشتۇر. تۈركىيەگە نىسبەتەن بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ كونكرېت مەقسەتلىرى، بىر دۆلەتنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنى پالەچ قىلىشقا ئوخشايدۇ: تۈركىيەنىڭ پۇل-مۇئامىلە نازارەت قىلىش مېخانىزملىرى (MASAK, BDDK)  قاتارلىق ئورگانلىرىنى ئىقتىدارسىز ۋە ئېتىبارسىز قىلىپ پالەچ ھالغا كەلتۈرۈش، غايەت زور باج يوقىتىشلىرىنى پەيدا قىلىپ، مالىيەنى ئاجىزلاشتۇرۇش، تۈرك شىركەتلىرىنى قانۇنسىز ئىشلارغا يۈزلەنۈرۈپ ئۇلارنى «بىر قورقۇتۇش مۈلكى»گە ئايلاندۇرۇش، تۈركىيەدىكى ئاكادېمىك ئورگانلاردا خىتاينىڭ تەكشۈرۈشى ۋە پىكىرلىرىنى ھۆكۈمران قىلىش، ھەمە ئاخىرىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن بېقىندى، سىياسىي جەھەتتىن ئاسانلا يۆنىلىش بەلگىلىگىلى بولىدىغان ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى پەقەت قەغەز يۈزىدىلا قالغان بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشتۇر. [²]

بۇ تەھلىل، خۇددى بىر راك ھۈجەيرىسىدەك يېيىلىۋاتقان بۇ كۆپ قاتلاملىق خىتاي تورىنىڭ قۇرۇلمىسىنى، تۈركىيەنىڭ قانۇنىي بوشلۇقلىرىنى بىر قورال ئورنىدا تۈركىيەگە قارشى ئىشلىتىدىغان قاراڭغۇ «پۇل ئالماشتۇرۇش» سىستېمىسىنى، تىزىمغا ئېلىنمىغان پۇل تورلىرىنىڭ ئىشلەش مېخانىزمىنى ۋە بۇ جىمجىت ئۇرۇشنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن شەكىللەندۈرگەن مەۋجۇتلۇق تەھدىتىنى پۈتۈن يالىڭاچلىقى بىلەن ئاشكارىلاشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ تەتقىقات، ئەنئەنىۋىي بىخەتەرلىك پارادىگمىلىرىنىڭ بۇ يېڭى تەھدىت ئالدىدىكى ئاجىزلىقىنى كۆز ئالدىمىزغا سۇنۇش ئارقىلىق، تۈركىيەنىڭ ئاسسىممېترىك تەھدىتلەرگە قارشى يېڭى ۋە بىر پۈتۈن مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈپ چىقىشىنىڭ كېچىكتۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدىكى جىددىي ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

1 - ئاكادېمىك ئالدىنقى سەپ: «ترويا ئېتى» ماھيىتىگە ئىگە كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرى ۋە ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ سىستېمىلىق شۈمۈرۈلۈشى

خىتاينىڭ يەرشارىۋىي تەسىر كۈچى ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەڭ «يۇمشاق» كۆرۈنىدىغان، ئەمما ئەڭ زەھەرلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك قوللىرىدىن بىرى كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرى بولۇپ، بىلىم ۋە كەلگۈسى يارىتىلىدىغان مۇقەددەس ماكانلار، ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە ئاكادېمىك ئورگانلارغا زەھەرلىك كۆزىنى تىكمەكتە. «مەدەنىيەت تونۇتۇش» ۋە تىل ئۆگىتىش دېگەندەك مەسۇمانە ۋە ھەتتا پايدىلىق كۆرۈنىدىغان بىر نىقاب ئاستىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرى، بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ ئاۋانگارت قاراۋۇللىرى ۋە ھەقىقىي مەنىدىكى دىگىتال دەۋرنىڭ «ترويا ئاتلىرى»دۇر.

خەلقئارالىق تەجرىبىلەر، بۇ ئەندىشىلەرنىڭ بىر سۇيىقەست نەزەرىيىسى ئەمەس، بەلكى كونكرېت بىر رېئاللىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئامېرىكادىن شىۋېتسىيەگىچە، گېرمانىيەدىن ئاۋسترالىيەگىچە بولغان نۇرغۇن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر، بۇ ئىنىستىتۇتلارنىڭ ئاكادېمىك ئەركىنلىككە بىۋاسىتە مۇداخىلە قىلىۋاتقانلىقىنى، تىبەتنىڭ ئىشغالى، تەيۋەننىڭ سالاھىيىتى ۋە بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى ھەققىدە خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلىرىنى ئۇنىۋېرسىتېت مەكتەپ رايونلىرىدا تارقىتىۋاتقانلىقىنى، پۈتۈنلەي يېپىق مالىيەگە ۋە مەمۇرىي قۇرۇلمىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە ئەڭ خەتەرلىكى، جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى ئۈچۈن مۇنبەت بىر زېمىن ۋە قانۇنىي جەھەتتىن يوشۇرۇش پەردىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى كونكرېت دەلىللەر بىلەن ئېنىقلاپ، بۇ ئىنىستىتۇتلارنى بىر-بىرلەپ تاقىماقتا. [³]

ئەمما بۇ قۇرۇلمىلارنىڭ ئىشلەش مېخانىزمى، ئاددىي تەشۋىقات پائالىيەتلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. ئەسلى خەتەر، تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە مۇرەككەپ قاتلاملاردا، كۆزلەردىن يىراق بىر شەكىلدە ياتماقتا. ئىلمىي قابىلىيىتىدىن بەكرەك خىتاي كومپارتىيىسىگە بولغان ساداقىتى سايىسىدا «پروفېسسور» دېگەندەك ئاكادېمىك ئۇنۋانلارنى ئالغان مەلۇم كىشىلەر، تۈركىيەگە ئوخشاش ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە دۆلەتلەرگە ئەۋەتىلىپ، كۆپ قاتلاملىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلماقتا. بۇ كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي ۋەزىپىسى پەقەت ئاكادېمىك تەتقىقاتلارنى يۈرگۈزۈشلا ئەمەس، بەلكى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۆۋەندىكى پائالىيەتلىرىنىمۇ ئىجرا قىلىشتۇر: 

1 - تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئىستراتېگىيەلىك تېخنولوگىيە ساھەلىرىدىكى (مۇداپىئە سانائىتى، سۈنئىي ئىدراك، بىئوتېخنولوگىيە، ماتېرىيال ئىلمى، ئېنېرگىيە تېخنولوگىيىلىرى قاتارلىقلار) تەتقىق قىلىپ ئېچىش تۈرلىرىنى سىستېمىلىق ھالدا خەرىتىلەشتۈرۈش ۋە بۇ تۈرلەرنىڭ تېخنىكىلىق تەپسىلاتلىرىنى، مەبلەغ مەنبەلىرىنى، ھالقىلىق خادىملىرىنى ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى قەرەللىك دوكلاتلار ھالىتىدە بېيجىڭغا يوللاش.

2 - ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ تېخنولوگىيە يۆتكەش ئىشخانىلىرى ۋە تېخنولوگىيە باغچىلىرىدىكى تۈرلەرنى ئەڭ ئىنچىكە تەپسىلاتىغىچە كۆزىتىش، بۇ تۈرلەرنىڭ تىجارىي يوشۇرۇن كۈچىنى باھالاش ۋە بولۇپمۇ پۇقرالار-ھەربىيلەر قوش ئىشلىتىلىدىغان تېخنولوگىيىلەرنى (dual-use technologies) ئېنىقلاپ، بۇلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك قانۇنىي ۋە قانۇنسىز يوللارنى ئىشقا سېلىش. 

3 - سەرخىللارنى قايمۇقتۇرۇش تورىنى قۇرۇش  (Elite Capture): پۇل-مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش، خەلقئارالىق يىغىنلارغا تەكلىپ قىلىش، كەسىپ پۇرسەتلىرى بىلەن تەمىنلەش ياكى شەخسىي ئاجىزلىقلىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق «قايمۇقتۇرغىلى» بولىدىغان ئاكادېمىكلارنى، مۇدىرلارنى، فاكۇلتېت باشلىقلىرىنى، ئىنىستىتۇت باشلىقلىرىنى ۋە ھەتتا ئەلا ئوقۇغۇچىلارنى ئېنىقلاپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر «تەسىر كۈچى تورى» يارىتىش.

4 – ئئىلىم -پەن مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلاش:  تۈركىيەنىڭ مىلياردلارچە لىرالىق ئاممىۋى ۋە خۇسۇسىي ساھە سېلىنمىسى  ھەمدە مىڭلىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەمگىكى بىلەن قولغا كەلتۈرگەن ئىلمىي يىغىندىسىنى، پاتېنت يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە تەتقىقاتلارنى ۋە سانائەت تەجرىبىلىرىنى سىستېمىلىق ھالدا بېيجىڭغا يۆتكەش.

5 - ئۇيغۇرلار ئارىسىغا پىتنە-پاسات ۋە ئىشەنچسىزلىك ئۇرۇقىنى چېچىش. ئالتىپلارنى ئېتىبارسىزلاشتۇرۇش ئارقىلىق بىرلىكى ۋە تەشكىللىنىشىنى ئىچىدىن يېمىرىپ تاشلاش.

بۇ ئەھۋال پەقەت ئاكادېمىك مۇستەقىللىقنىڭ ئېغىر بىر دەپسەندىچىلىكىلا ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۈركىيەنىڭ كەلگۈسىدىكى تېخنولوگىيىلىك رىقابەت كۈچىنى ۋە مىللىي بىخەتەرلىكىنى بىۋاسىتە نىشان قىلغان، ئىنتايىن ياخشى پىلانلانغان، تەمكىن ۋە تەشكىللىك بىر ئىلىم -پەن مۈلۈك ھوقۇقى بۇلاڭچىلىقىدۇر. بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي كۆلىمى پەقەت ئوغرىلانغان تېخنولوگىيىنىڭ قىممىتى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ؛ ئەسلى ھالاكەتلىك تەسىرى، تۈركىيەنىڭ كەلگۈسىدىكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ۋە تېخنولوگىيىلىك مۇستەقىللىقىنى تۈپتىن ۋەيران قىلىشىدۇر.

2 -  ھەرىكەتنىڭ نۆل نۇقتىسى: تاشقى سودا قىزىل رەقىمىنى قورالغا ئايلاندۇرۇش ۋە ئاسسىممېترىك ئەۋزەللىكنى يارىتىش

ھەر بىر چوڭ گېئوستراتېگىيەلىك ھەرىكەتنىڭ بىر باشلىنىش نۇقتىسىغا، بىر ئۆرلىتىش مېخانىزمىغا ۋە مۇنبەت بىر تۇپراققا ئېھتىياجى بار. خىتاينىڭ تۈركىيەگە قاراتقان پۇل-مۇئامىلە ۋە ئىستخبارات ھەرىكەتلىرىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە ئەڭ مۇنبەت زېمىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى غايەت زور، سوزۇلما خاراكتېرلىك ۋە قۇرۇلمىلىق تاشقى سودا قىزىل رەقىمىدۇر. بۇ قىزىل رەقەم، ئاددىي بىر ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇمات ياكى بازار دىنامىكىسىنىڭ تەبىئىي بىر نەتىجىسى ئەمەس، خىتاي تەرىپىدىن ئاڭلىق ھالدا باشقۇرۇلۇۋاتقان، داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھالدا ئىشلىتىلىۋاتقان ئاسسىممېترىك بىر قورالدۇر.

خىتاي دۇنيادىكى 120 دىن ئارتۇق دۆلەت بىلەن سودا ئاكتىپ بالانسىغا ئىگە بولۇپ، بۇ ئەھۋالنى ئۆزىنىڭ يەرشارىۋىي ھۆكۈمرانلىق ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئۇل تېشى سۈپىتىدە ئىشلەتمەكتە. تۈركىيەنىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلغىنىدىن ئونلىغان ھەسسە كۆپ ئىمپورت قىلىشقا مەجبۇر بولۇشى، ھەر بىر تۈرك ئىمپورتچىسىنى ئەڭ بېشىدىنلا، سۆھبەت ئۈستىلىدە تەبىئىي ھالدا ئاجىز ۋە سودىلىشىش كۈچى تۆۋەن بىر ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويماقتا. بۇ قۇرۇلمىلىق كۈچ تەڭپۇڭسىزلىقى، خىتاينىڭ تىجارىي مۇناسىۋەتلەرنى، (ئاۋسترالىيە ۋە لىتۋا دېلولىرىدا ئوچۇق-ئاشكارە كۆرۈلگىنىدەك) باشقا دۆلەتلەر ئۈستىدە سىياسىي بېسىم ئورنىتىش ۋە ئۇلارنى جازالاش ئۈچۈن بىر قورقۇتۇش قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ تەبىئىي بىر پارچىسىدۇر. [⁴]

بۇ ئاسسىممېترىك مۇناسىۋەت، خىتاي دۆلەت ۋە خۇسۇسىي ساھە ئاكتىيورلىرىنىڭ مەسۇمانە تىجارىي پائالىيەتلەر نىقابى ئاستىدا، ئەمەلىيەتتە تۈرك ئىقتىسادى ۋە شىركەتلىرى ئۈستىدە مەخپىي ۋە ۋەيران قىلغۇچ ھەرىكەتلەرنى ئىجرا قىلىشى ئۈچۈن مۇكەممەل بىر پەردە ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە. بۇ ئەھۋال، «ئىقتىسادىي ئۇرۇش» ئۇقۇمىنىڭ كلاسسىك ئېنىقلىمىسىدىن كۆپ ھالقىغان بىر ھالەتنى ئىپادىلەيدۇ: بۇ، بىر دۆلەتنىڭ ئۆز ئىقتىسادىي كۈچىنى، رەقىب دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى ئىچىدىن يىمىرىش ۋە سىياسىي ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن سىستېمىلىق، پىلانلىق ۋە رەھىمسىزلەرچە ئىشلىتىشىدۇر.

3 -  پۇل-مۇئامىلە قىلتىقىنىڭ تۇنجى قەدىمى – شەيتان بىلەن سودىلىشىش ۋە قايتقىلى بولمايدىغان جىنايەت شېرىكچىلىكى

خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى پۇل-مۇئامىلە ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق ۋە باشلىنىش باسقۇچى، رىقابەت بېسىمى ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان تۈرك ئىمپورتچى شىركەتلىرىنى، پسىخولوگىيە ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن رەت قىلالمايدىغان بىر پۇل-مۇئامىلە «فاۋستچە سودىلىشىش» قا (شەيتان بىلەن سودىلىشىشقا) سىستېمىلىق ھالدا مەجبۇرلىشىدۇر. بۇ جەريان، تاسادىپىي بىر ھادىسە ياكى يەككە بىر ۋەقە ئەمەس، ئالدىن پىلانلانغان، نىشانلىرى بېكىتىلگەن ۋە ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن ئىجرا قىلىنغان بىر ھەسەل توزىقى (honeytrap) ھەرىكىتىدۇر.

خىتايلىق تەمىنلىگۈچىلەر — مەيلى خىتاي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى غايەت زور شىركەتلەر بولسۇن ياكى خۇسۇسىي شىركەتلەر بولسۇن— ئىنتايىن پىلانلىق ۋە سىستېمىلىق بىر شەكىلدە، مال بەدىلىنىڭ %50 ىنى، ھەتتا بەزىدە %70-80 گىچە بولغان قىسمىنى قولدىن نەق پۇل، تاشقى پېرېۋوت (ئادەتتە دوللار ياكى ياۋرو) سۈپىتىدە تۆلىشىنى تەلەپ قىلماقتا. بۇ ئارقىلىق پۈتۈن رەسمىي بانكا يوللىرى ۋە  تاموژنا باياناتلىرىنى ئاتلاپ ئۆتۈشكە ئۈندىمەكتە.

بۇ قانۇنسىز ۋە ئىنتايىن خەتەرلىك تەلەپنى، پايدا نىسبىتىنى ئاشۇرۇش ۋە رەقىبلىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈش بېسىمى ئاستىدىكى تۈرك شىركىتىگە «رەت قىلغىلى بولمايدىغان» جەلپكار يەمچۈكلەر بىلەن سۇنماقتا:

«نەق پۇلغا  ئېتىبار باھا» جەلپكارلىقى:  قولدىن ۋە تىزىمغا ئېلىنمىغان ھالدا تۆلىنىدىغان يۇقىرى سومما ئۈچۈن، رىقابەتتە زور ئەۋزەللىك يارىتىدىغان دەرىجىدە باھادا چوڭ بىر ئېتىبار ۋەدە قىلىنماقتا. بۇ ئېتىبار نىسبىتى ئادەتتە %15-25 ئارىلىقىدا بولۇپ، تۈرك شىركىتىنىڭ بازار ئۈلۈشىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشۇرالايدىغان سەۋىيەدە.

«رەسمىي تالون قولايلىقى» قىلتىقى:  تالونغا پەقەت بانكا يولى بىلەن تۆلىنىدىغان تۆۋەن سوممىنىڭ ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى، شىركەتنىڭ تېخىمۇ ئاز تاموژنا بېجى ۋە قوشۇلما قىممەت بېجى تۆلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، تۈرك ئىمپورتچىسىغا باجدىن قېچىش مەسىلىسىدە ۋاسىتىلىك بىر قولايلىق يارىتىپ بەرمەكتە، بۇمۇ كۈچلۈك بىر جەلپ قىلىش ئامىلى بولماقتا.

ئىلاستىكىلىق تۆلەم شەرتلىرى:  نەق پۇل تۆلىنىدىغان بۇ چوڭ قىسىم ئۈچۈن ئادەتتە ئۇزۇن مۇددەتلەر (3-6 ئاي) ياكى ئىلاستىكىلىق تۆلەم پىلانلىرىغا ئوخشاش پۇل-مۇئامىلە قولايلىقلىرى يارىتىلىپ، شىركەتنىڭ نەق پۇل ئايلىنىشى ۋاقىتلىق راھەتلەندۈرمەكتە. 

رىقابەت ئەۋزەللىكى ۋەدىسى:  رەقىبلەرنىڭ بۇ «ئالاھىدە» سىستېمىغا ئېرىشىش ئىمكانىيىتى يوق، شۇڭا بۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىشنىڭ چوڭ بىر زىيان ئىكەنلىكى ھەققىدە پسىخولوگىيىلىك بېسىم پەيدا قىلىنماقتا.

بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلغان بىر تۈرك شىركىتى، قىسقا مۇددەتلىك بىر پايدا ئالغانلىقىنى ۋە رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئويلاپ، ئەمەلىيەتتە قايتىپ چىققىلى بولمايدىغان بىر خالتا يولغا كىرىپ قالىدۇ، ئۆزىنىڭ «جىنايەت ھۆججىتى»نى (kompromat)  ئۆز قولى بىلەن خىتاي ئىستىخبارات تورىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن بولىدۇ. شۇ دەقىقىدىن باشلاپ شىركەت، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قانۇنلىرى نەزىرىدە «5237-نومۇرلۇق تۈرك جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 359-ماددىسى (باجدىن قېچىش)»، «5549-نومۇرلۇق قارا پۇل يۇيۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى قانۇن» ۋە «4458-نومۇرلۇق تاموژنا قانۇنىنىڭ ئەتكەسچىلىك جىنايەتلىرى» گە ئوخشاش ئىنتايىن ئېغىر جىنايى جازا بېرىلىدىغان جىنايەتلەرنىڭ سادىر قىلغۇچىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

بۇ قانۇنسىز سودا (قولدىن تاپشۇرۇلغان يۈز مىڭلىغان، ھەتتا مىليونلىغان دوللار)، خىتاي ئىستىخبارات تورى تەرىپىدىن كەلگۈسىدە بىر قورقۇتۇش كوزىرى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىش ئۈچۈن ئەستايىدىللىق بىلەن خاتىرىلىنىپ سۈرەتكە ئېلىنىپ ھۆججەتلەشتۈرۈلىدۇ. تۈرك شىركىتى ئەمدى پەقەت بىر خېرىدار ئەمەس، يوشۇرۇن بىر جىنايەت شېرىكى ۋە خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى تەسىر كۈچى ھەرىكەتلىرى تورىنىڭ تەبىئىي بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرۇلغان بىر «نىشان» بولۇپ قالىدۇ.

 4 -  خىتاي تورىنىڭ قەلبى: چېگرا ۋە قانۇنلاردىن ھالقىغان «پۇل ئالماشتۇرۇش» سىستېمىسى – كۆلەڭگە بانكىچىلىقىنىڭ پەللىسى

خىتاينىڭ پۇل-مۇئامىلە ھەرىكەت تورىنىڭ ئاقىلانە ۋە مۇرەككەپ تەرىپى، تۈركىيەنىڭ ئۆز قانۇنىي نازارەتلىرىنى ۋە تاشقى پىرىۋۇت كونتروللىرىنى بىر قورالدەك تۈركىيەگە قارشى ئىشلىتىشىدە ياتماقتا. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، تاشقى پىرىۋۇت كونتىرولى ۋە قارا پۇل يۇيۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە، چەتئەلگە كۆپ مىقداردا نەق پۇل يۆتكىلىشىنى قاتتىق نازارەتكە ئالغان بولۇپ، خىتاي بۇنىڭغا قارشى «پۇل ئالماشتۇرۇش» دەپ ئاتالغان، پۈتۈنلەي غەيرىي رەسمىي، مەركەزسىز، ئىشەنچكە ئاساسلانغان ئەمما ئىنتايىن تەشكىللىك بىر كۆلەڭگە بانكىچىلىق سىستېمىسىنى ئىشقا سالىدۇ.

بۇ مېخانىزم، ماھىيەتتە يەرشارىۋىي پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ  «سودىغا ئاساسلانغان پۇل ئاقلاش »  دەپ تەرىپلىگەن سىستېمىنىڭ، خىتاينىڭ قوللىشى ۋە خىتاي ئىستىخباراتىنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدىكى ئەڭ مۇرەككەپ نۇسخىلىرىدىن بىرىدۇر. [⁵] [⁶] بۇ سىستېما، پۇلنىڭ فىزىكىلىق ھالدا دۆلەت چېگراسىدىن ئۆتمەيلا خەلقئارالىق بىر يۆتكىلىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ ۋە خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى غايەت زور مەخپىي نەق پۇل كۆلچىكىنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان ئاساسلىق قان تومۇر رولىنى ئوينايدۇ. تۈركىيەدە مالىيە جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈش ئىدارىسى (MASAK)مۇ ئېلان قىلغان تىپولوگىيە دوكلاتلىرىدا بۇ خىل مۇرەككەپ ئۇسۇللارغا ۋە بولۇپمۇ «پۇل ئالماشتۇرۇشنىڭ باشقا سىستېمىلىرى» تېمىسى ئاستىدا ئوخشاش مېخانىزملارغا دائىم دىققەتنى تارتماقتا. [⁷] خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ژۇرنالىستىكا تورلىرىمۇ بۇ خىل قانۇنسىز يەرشارىۋىي پۇل-مۇئامىلە ئېقىملىرىنى قايتا-قايتا ھۆججەتلەشتۈرۈپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىگە سۇندى. [⁸[  [⁹]

«پۇل ئالماشتۇرۇش» سىستېمىسىنىڭ قەدەممۇ-قەدەم ئىشلىشى: تەپسىلىي دېلو ئانالىزى

قېنى ئەمىسە سىستېمىنىڭ ئىشلىشىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنىش ئۈچۈن، رېئاللىقتا كۆپ ئۇچرايدىغان تىپىك بىر دېلو ئارقىلىق تەپسىلىي ئانالىز قىلىپ باقايلى:

1- قەدەم: ئېھتىياجنىڭ بېكىتىلىشى ۋە دەسلەپكى كېلىشىم:  ئىستانبۇل مېرتەردىكى ئوتتۇراھال بىر توقۇمىچىلىق شىركىتى، خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدىكى بىر رەخت ئىشلەپچىقارغۇچىدىن 1 مىليون دوللارلىق مال ئالماقچى بولىدۇ. خىتايلىق تەمىنلىگۈچى، ئەرزان باھا بېرىش بىلەن بىرگە، تۆلەمنىڭ 200,000 دوللارلىق قىسمىنىڭ نورمال بانكىچىلىق يوللىرى ئارقىلىق، ئەمما 800,000 دوللارلىق قىسمىنىڭ چوقۇم «قولدىن نەق» ھالدا تاپشۇرۇلىشى شەرتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

2 - قەدەم: يۈزلەندۈرۈش ۋە ۋاسىتىچى تورىغا قوشۇش:  خىتاي تەمىنلىگۈچى، تۈرك شىركىتىنى تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئادەتتە لوگىستىكا، تاشقى سودا ياكى چوڭ توپ سېتىش ساھەلىرىدە ئىشلەيدىغان، كەڭ بىر پۇل-مۇئامىلە تورىغا ئىگە «ئىشەنچلىك» بىر ۋاسىتىچى شىركەتكە ياكى شەخسكە (تورنىڭ تۈركىيەدىكى «پۇل ساندۇقىغا») يۆلەندۈرىدۇ. بۇ ۋاسىتىچىلەر، ئىستراتېگىيەلىك ھالدا كاپالىچارشى، تاختاكالە، لالەلى، مەرتەرگە ئوخشاش نەق پۇل ئېقىمى ۋە تىزىمغا ئېلىنماسلىق قويۇق بولغان، نازارەت مېخانىزملىرى ئاجىز بولغان رايونلارغا ئورۇنلاشقان بولىدۇ.

3 - قەدەم: نەق پۇل تاپشۇرۇشنىڭ (تۈركىيە قانىتى):  مەرتەردىكى توقۇمىچىلىق شىركىتى، 800,000 دوللارنى، ئىستانبۇلدىكى بۇ ۋاسىتىچىنىڭ كاپالىچارشىدىكى ئىشخانىسىغا، ئادەتتە ئالدىن بېكىتىلگەن مەخپىي شىفىرلىق بىر سۆز ياكى نومۇر بىلەن  ئادەتتىكىچە بىر سومكا ئىچىدە نەق پۇل ھالىتىدە تاپشۇرىدۇ. بۇ جەرياندا ھېچقانداق رەسمىي ھۆججەت، تالون، يۆتكەش ھۆججىتى ياكى ئىمزا ئەسلا تۈزۈلمەيدۇ.

4 - قەدەم: بىخەتەر ئالاقە ۋە پۇل تۆلەش:  تۈركىيەدىكى ۋاسىتىچى، پۇلنى بىخەتەر ھالدا تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، WeChat، Telegram  ياكى تېخىمۇ مۇرەككەپ شىفىرلىق ئۇچۇرلىشىش ئەپلىرى ئارقىلىق خىتايدىكى پۇل-مۇئامىلە تورىغا بىلدۈرىدۇ. خىتايدىكى پۇل-مۇئامىلە تورى، بۇ بىخەتەر تەستىق ئۇچۇرىغا ئاساسەن، ئىمپورتچىنىڭ شاڭخەيدىكى تەمىنلىگۈچىسىگە 800,000 دوللارغا تەڭ كېلىدىغان يۈەننى ئۆز يەرلىك مەنبەلىرىدىن دەرھال تۆلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۈرك ئىمپورتچىسى قەرزىنى تولۇق تۆلىگەن ھېسابلىنىدۇ.

نەتىجە ۋە ئىستراتېگىيەلىك خۇلاسىلەر:  بۇ مۇرەككەپ سىستېما سايىسىدا، بىر تىيىن پۇلمۇ تۈركىيە چېگراسىدىن رەسمىي ھالدا ئايرىلماستىن، ھېچقانداق بانكا خاتىرىسىگە (SWIFT) كىرمەستىن، تاموژنا خىتابنامىسىدە يەر ئالماستىن، 800,000 دوللارلىق خەلقئارالىق سودا تاماملىنىدۇ. تۈركىيەدىكى ۋاسىتىچىنىڭ خىتايدىكى تورغا بولغان قەرزى بولسا كېيىنكى سودىلار بىلەن (باشقا ئىمپورتچىلارنىڭ پۇلى بىلەن، مال ئەۋەتىش بىلەن ياكى ئوخشىمىغان پۇل-مۇئامىلە ھەرىكەتلىرى بىلەن) زەنجىرسىمان بىر شەكىلدە ھېسابلىشىپ تۈگىتىلىدۇ. بۇ سىستېما، خىتاينىڭ تۈركىيە ئىچىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئاخبارات ھەرىكەتلىرى، ئىشپىيون تۆلەملىرى، پارا بېرىش ۋە لوبىچىلىق پائالىيەتلىرى، تېخنولوگىيە يۆتكەش، ئاكادېمىك جاسۇسلۇق ۋە سىياسىي مانىپولاتسىيە ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان مىليونلىغان دوللارلىق تىزىمغا ئېلىنمىغان، ئىز قوغلىغىلى بولمايدىغان ۋە «ستېرېللەنگەن»  مەخپىي فوند كۆلچىكى يارىتىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ.

5 - قىلچا تومۇرلىرى: پۇلنىڭ تۈركىيە ئىچىدىكى جىمجىت ۋە تېز تارقىتىلىش ئۇسۇللىرى

«پۇل ئالماشتۇرۇش» سىستېمىسى بىلەن ئىستانبۇل، ئەنقەرە، ئىزمىرغا ئوخشاش چوڭ مەركەزلەردە توپلانغان بۇ غايەت زور نەق پۇل فوند كۆلچىكىنىڭ، تۈركىيەنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭىدىكى ھەرىكەت ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك ھالدا تارقىتىلىشى ھالقىلىق بىر زۆرۈرىيەتتۇر. بۇ تارقىتىش، ئەنئەنىۋىي بانكا سىستېمىسىنى پۈتۈنلەي ئاتلاپ ئۆتۈدىغان، قەدىمكى «ھاۋالە» سىستېمىسىنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ  قوللىشى ۋە خىتاي ئىستىخباراتىنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدىكى ئىنتايىن زامانىۋىي بىر نۇسخىسى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. [¹⁰]

تۈگۈن نۇقتىلىرى ۋە پۇل-مۇئامىلە ھۈجەيرىلىرى

تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل، ئەنقەرە، ئىزمىر، مەرسىن، قەيسەرى، ئانتالياغا ئوخشاش ئىستراتېگىيەلىك شەھەرلىرىگە سىستېمىلىق ھالدا يېيىلغان، دەسلەپتە «زىيانسىز» كۆرۈنىدىغان ئەمما ئەمەلىيەتتە بۇ پۇل-مۇئامىلە تورىنىڭ ئاساسىي تۈگۈن نۇقتىلىرىنى (nodlarını) ۋە قىلچا قان تومۇرلىرىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاكتورلار مەۋجۇت:

• خىتاي رېستوران ئىگىلىرى

• كىچىك ئىمپورت-ئېكسپورت شىركەتلىرى

• ساياھەت ئاگېنتلىقلىرى

• مېھمانخانا ۋە بەدەن ئۇگىلاش دۇكانلىرى 

• ئۆي-مۈلۈك ۋاسىتىچىلىرى

بۇ تورنىڭ ئىشلىشى، پۇلنىڭ شەھەرلەر ئارا فىزىكىلىق يۆتكىلىش خەۋپىنى ۋە چىقىمىنى پۈتۈنلەي يوقىتىدىغان مۇرەككەپ بىر سىستېما بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ:

ھەرىكەت سىنارىيە ئانالىزى

 خىتاي ئاخباراتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى بىر ھۈجەيرىسى، ئەنقەرەدە ھالقىلىق بىر بيۇروكراتقا پارا بېرىش ياكى ئۇيغۇر دىئاسپوراسى ئىچىدىن قايمۇقتۇرۇلغان بىر ئىشپىيونغا قەرەللىك مائاش تۆلەش ئۈچۈن جىددىي 50,000 دوللارغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

 ئىستانبۇلدىكى ھۈجەيرە، پۇلنى ماشىنا بىلەن ئەنقەرەگە ئاپىرىشقا ئوخشاش خەتەرلىك بىر ئۇسۇلنىڭ ئورنىغا، ئەنقەرەنىڭ مەلۇم رايونىدىكى ئىشەنچلىك بىر خىتاي «Hotpot» رېستورانى تىجارەتچىسى بىلەن شىفىرلىق ئۇچۇرلىشىش يوللىرى ئارقىلىق بىخەتەر ئالاقىگە ئۆتىدۇ. رېستورانچىدىن، بەلگىلەنگەن كىشىگە 50,000 دوللار تۆلەشنى تەلەپ قىلىدۇ.

 رېستورانچى، شۇ كۈنكى ياكى ھەپتىلىك كېرىمىدىن بۇ تۆلەمنى ھېچقانداق ھۆججەت تۈزمەيلا بەلگىلەنگەن كىشىگە بېرىدۇ. بۇ نۇقتىدىن باشلاپ ئىستانبۇلدىكى ئاساسلىق ھۈجەيرە، ئەنقەرەدىكى رېستورانچىغا 50,000 دوللار قەرزدار بولغان قالىدۇ. بۇ قەرز، كېيىنكى مەزگىللەردە يەنە بىر «پۇل ئالماشتۇرۇش» سودىسى بىلەن، باشقا بىر پۇل-مۇئامىلە ئېقىمى بىلەن ياكى مال/خىزمەت يۆتكىلىشى بىلەن زەنجىرسىمان بىر شەكىلدە تۆلىنىدۇ.

نەتىجىدە پۇل، فىزىكىلىق ھالدا ئورنىنى ئۆزگەرتمەستىن، ھېچقانداق بانكا خاتىرىسى قالدۇرماستىن، بىخەتەرلىك ئورۇنلىرىنىڭ ئىز قوغلىشىدىن قېچىپ، قولدىن قولغا ئۆتكەن بولىدۇ.

لوگىستىك قوللاش ۋە توشىغۇچى تورى

سىستېمىنىڭ يەنە بىر ھالقىلىق ۋە مۇرەككەپ قىسمىنى، خىتاي مەنبەلىك ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرىدە ئىشلەيدىغان ۋە خەلقئارالىق ساياھەت ئىمكانىيىتىگە ئىگە كابىن خادىملىرى، ئۇچقۇچىلار ۋە باشقا ھاۋاچىلىق خىزمەتچىلىرى ھەتتا خىتاي ساياھەتچىلىرى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ كىشىلەر، دائىم ساياھەت قىلىشلىرى ۋە كەسپىي ئورنى سەۋەبلىك مۇكەممەل بىر «توشىغۇچى»غا ئايلىنىدۇ. ۋەزىپىلىرى پەقەت نەق پۇل توشۇشلا ئەمەس، بەلكى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەرىكەتلەر ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان نازۇك ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى، قوش ئىشلىتىلىدىغان تېخنولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنى، شىفىرلىق خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرىنى ياكى فىزىكىلىق ئىستىخبارات ماتېرىياللىرىنى بىخەتەر ھالدا يۆتكەشتۇر.

________________________________________

2  - بۆلۈم

 ئىستراتېگىيەلىك نىشانلار، نەتىجىلەر ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇق ئىستراتېگىيەسى

  كۆپ يۆنىلىشلىك ئىستراتېگىيەلىك نىشانلار ۋە تۈركىيە ئۈچۈن ۋەيران قىلغۇچ نەتىجىلىرى

بىرىنچى بۆلۈمدە قۇرۇلمىسى ۋە فوىنكىسىيەسى ئاشكارىلانغان بۇ مۇرەككەپ پۇل-مۇئامىلە ۋە ئىستىخبارات تورىنىڭ ئارقىسىدا، تۈركىيەنى نىشان قىلغان سوغۇققان، ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە كۆپ يۆنىلىشلىك بىر ئىستراتېگىيە ياتماقتا. بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ نىشانلىرى، پەقەت پۇل-مۇئامىلە پايدىسى ئېلىشلا ئەمەس، بەلكى تۈركىيەنىڭ دۆلەت كۈچىنىڭ ئاساسىي دىنامىكىلىرىنى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى تۈۋرۈكلىرىنى سىستېمىلىق ھالدا ئاجىزلاشتۇرۇشتۇر.

1 - ھەرىكەت ئەركىنلىكى ۋە ئىز قوغلىغىلى بولماسلىق

خىتاينىڭ  تۈركىيە ئىچىدىكى جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ رازۋېدكا، ئىشپىيون تۆلەملىرى، سىياسىي لوبىچىلىق پائالىيەتلىرى، ساختا تېلېفون بازا ئىستانسىسى قۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى، بۇ ئىزىنى قوغلىغىلى بولمايدىغان قارا پۇل مەبلىغى بىلەن تەمىنلىنىدۇ. بۇ ئەھۋال، مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MİT)، ساقچى ئاخباراتى ۋە MASAK قا ئوخشاش ئورگانلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئۇسۇللار بىلەن پۇل-مۇئامىلە ئاياغ ئىزلىرىنى قوغلاپ، ھەرىكەتلەرنى ئاشكارىلىشىنى مۇمكىن بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرىدۇ. خىتاي، تۈركىيە تۇپراقلىرىدا ئۆز ئىستىخبارات ھەرىكەتلىرىنى، تۈرك بىخەتەرلىك ئورۇنلىرىنىڭ رادارىنىڭ پۈتۈنلەي سىرتىدا، ئۆزى ياراتقان ئاپتونوم پۇل-مۇئامىلە ئېكوسىستېمىسى بىلەن يۈرگۈزۈش ئركىنلىكىگە ئېرىشىدۇ. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىغا ئوخشاش ئورگانلارنىڭ، خىتاي دۆلىتىنىڭ قوللىشىشى ئاستىدىكى بۇ خىل يەرشارىۋىي قارا پۇل يۇيۇش تورلىرىنى قانداق ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە يۈرگۈزگەن تەكشۈرۈشلىرى، بۇ تەھدىتنىڭ نەقەدەر ھەقىقىي ۋە تەشكىللىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. [¹¹]

• ئىقتىسادىي قورقۇتۇش ۋە تەسىر كۈچىگە ئېرىشىش: قانۇنسىز نەق پۇل سودىسىغا بىر قېتىم ئارىلىشىپ قالغان تۈرك شىركىتى، خىتاي ئىستىخبارات تورى ئۈچۈن «قاماققا ئىلىنغان بېلىق» قا ئايلىنىدۇ. بۇ تۇنجى قانۇنسز شەكىللەنگەن جىنايەت ھۆججىتى، خىتاينىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرى ئۈچۈن بىر سېلىنما سۈپىتىدە ساقلىنىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ شىركەتتىن ۋە ئىگىسىدىن تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەر تەلەپ قىلىنىشى مۇمكىن:

• تىجارىي ۋە تېخنولوگىيىلىك سىرلارنىڭ ئاشكارىلىنىشى:  شىركەتنىڭ خېرىدارلار تېزىملىكى، باھا بېكىتىش ئىستراتېگىيىلىرى، تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىزمەتلىرى ياكى تېخنولوگىيىلىك نەتىجىلىرى تەلەپ قىلىنىشى مۇمكىن.

• لوگىستىك (ترانسپورت جەھەتتە) قوللاش:  شىركەتنىڭ ئامبارلىرى ياكى تارقىتىش تورىنىڭ، خىتاينىڭ تۈركىيە ئىچىدىكى ھەرىكەت پائالىيەتلىرى ئۈچۈن مەخپىي ئىشلىتىلىشى تەلەپ قىلىنىشى مۇمكىن.

• رەقىبلەرگە قارشى بازارنى مانىپولاتسىيە قىلىش:  (باھا چۈشۈرۈش، رەقىبلىرى ھەققىدە ئۇچۇر ئاشكارىلاش، مال تەمىناتىنى كېچىكتۈرۈش قاتارلىقلار) تەلەپ قىلىنىشى مۇمكىن.

• سىياسىي مانىپول: خىتاي بىلەن قىلغان بۇ تىزىمغا ئېلىنمىغان سودىسى سايىسىدا نورمالسىز بىر سۈرئەتتە بېيىغان ۋە سىياسەتتە بىر تەسىر كۈچىگە ئىگە ئورۇنغا (پارلامېنت ئەزالىقى، پارتىيە باشقۇرغۇچىلىقى) كەلگەن تۈرك كاراخانىچى، بۇ جىنايەت ھۆججىتى سەۋەبلىك خىتاينىڭ ئەڭ قىممەتلىك قوتقۇتۇش نىشانلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىدۇ. بۇ كىشى، بېيجىڭنىڭ پايدىسىغا سىياسىي قارارلارنىڭ ئېلىنىشى، لوبىچىلىق پائالىيەتلىرى يۈرگۈزۈلۈشى ياكى پارلامېنت كومىتېتلىرىدا خىتاي مەنپەئەتىنى قوغدىشى ئۈچۈن بىر پىچكە سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشى مۇمكىن. بۇ، خىتاينىڭ يەرشارىۋىي تەرتىپنى ئۆز پايدىسىغا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان ئۇزۇن مۇددەتلىك ئويۇنىنىڭ (The Long Game) بىر پارچىسىدۇر. [²]

2 - سىستېمىلىق ئىقتىسادىي ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە مالىيە ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ چۈرۈتىلىشى:  پۇل ئالماشتۇرۇش سىستېمىسى، بىۋاسىتە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى ۋە مالىيە ئىگىلىك ھوقۇقىنى بۇزىدۇ.

 

• غايەت زور باج يوقىتىش:  رەسمىي خاتىرىلەرگە كىرمىگەن ۋە تاموژنىلاردا تۆۋەن كۆرسىتىلگەن مىلياردلارچە دوللارلىق سودا، دۆلەتنى غايەت زور بىر باج (قوشۇلما قىممەت بېجى، تاموژنا بېجى، شىركەتلەر بېجى) كىرىمىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال، ئاممىۋى خىزمەتلەرنىڭ مەبلىغىنى قىيىنلاشتۇرىدۇ، خامچوت قىزىل رەقىمىنى سوزۇلما ھالغا كەلتۈرىدۇ ۋە دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي قارشىلىق كۈچىنى تۈپتىن ئاجىزلاشتۇرىدۇ.

• پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ ئىناۋەتسىزلىشىشى ۋە «كۈلرەڭ تىزىملىك» تەھدىتى:  بۇ غايەت زور كۆلەڭگە ئىقتىساد، تۈركىيەنىڭ پۇل-مۇئامىلە نازارەت سىستېمىسى (BDDK, MASAK)  قاتارلىق ئورگانلىرىنى ئىقتىدارسىز ھالغا كەلتۈرىدۇ. تۈركىيەنىڭ، قارا پۇل يۇيۇش بىلەن كۈرەشتە يەرشارىۋىي ئۆلچەملەرنى بېكىتىدىغان مالىيە ھەرىكەت خىزمەت گۇرۇپپىسى (FATF) تەرىپىدىن «كۈلرەڭ تىزىملىك»كە ئېلىنىشى ۋە بۇ تىزىملىكتە قېلىشىنىڭ ئارقىسىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەردىن بىرى، بۇ خىل مۇرەككەپ ۋە تىزىمغا ئېلىنمىغان پۇل يۇيۇش ئۇسۇللىرى بىلەن ئۈنۈملۈك كۈرەش قىلىنالماسلىقىدۇر. [⁶] بۇ ئەھۋال، چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قېچىشىغا، دۆلەتنىڭ كرېدىت نومۇرىنىڭ چۈشۈشىگە ۋە خەلقئارالىق پۇل-مۇئامىلىگە ئېرىشىشنىڭ تېخىمۇ قىممەتكە چۈشۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.

3 - ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلگەن دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ئىستراتېگىيىسى 

• خىتاينىڭ تىزىمغا ئېلىنمىغان پۇل-مۇئامىلە كۈچى پەقەت ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئېلىش ياكى ئىستىخبارات ھەرىكەتلىرىنى تىزىمسىز مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئەڭ نازۇك ۋە ئاجىز مەسىلىلەردىن بىرى بولغان ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنى كونترول ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈنمۇ رەھىمسىزلەرچە ئىشلىتىلمەكتە. بولۇپمۇ تۈركىيەگە ئوخشاش ئۇيغۇر نۇپۇسى قويۇق بولغان دۆلەتلەردە بۇ ئىستراتېگىيە، خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش مېخانىزملىرىنىڭ ئاساسلىق تۈۋرۈكىنى تەشكىل قىلىدۇ.

• پارچىلاپ باشقۇرۇش:  ماددىي قىيىنچىلىق ئىچىدە بولغان ياكى ئائىلىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار، بۇ تىزىمغا ئېلىنمىغان پۇل تورىدىن قىلىنغان «ياردەم» تەكلىپلىرى بىلەن نىشان قىلىنىدۇ. بۇ «ياردەم»نى قوبۇل قىلغانلار، باشقا دىئاسپورا ئەزالىرى ھەققىدە ئۇچۇر ئاشكارىلاشقا، تۈرك دۆلىتى ئىچىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى دوكلات قىلىشقا ياكى خىتاي پايدىسىغا تەشۋىقات قىلىشقا مەجبۇرلىنىدۇ.

• ئىشەنچسىزلىك ئۇرۇقىنى چېچىش:  بۇ ئەھۋال، دىئاسپورا ئىچىدە چوڭقۇر بىر ئىشەنچسىزلىك ۋە قورقۇش مۇھىتى يارىتىدۇ. كىمنىڭ كىمگە ئىشلەيدىغانلىقى نامەلۇم ھالغا كېلىدۇ. بۇمۇ دىئاسپورانىڭ ئۆز ھوقۇقلىرىنى قوغداش ۋە تەشكىللىنىش ئىقتىدارىنى ئىچىدىن يىمىرىدۇ. بۇ ئۇسۇللار، خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش (transnational repression) مېخانىزملىرىنىڭ ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن بىر پارچىسىدۇر. [¹²]

خۇلاسە ۋە جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش چاقىرىقى: جىمجىت قورشاۋ ئالدىدا مىللىي مۇداخىلە پىلانى

بۇ مەنزىرە، بىر قانچە يەككە باجدىن قېچىش دېلوسى، ئاددىي بىر جاسۇسلۇق پائالىيىتى ياكى كونترولسىز بىر مافىيە ھەرىكىتى ئەمەس. بۇ، خىتاي دۆلەت ئەقلى بىلەن پىلانلانغان، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە، ئىجتىمائىي ۋە تېخنولوگىيىلىك ئۆلچەملىرى بولغان؛ تۈركىيەنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكىنى، ئىقتىسادىي ئىگىلىك ھوقۇقىنى ۋە ئىجتىمائىي پۈتۈنلۈكىنى تۈپتىن تەۋرىتىشنى نىشان قىلغان كەڭ كۆلەملىك ۋە جىمجىت بىر ئارىلاشما ئۇرۇش ئېلانىدۇر.

بۇ كۆپ قاتلاملىق ۋە مۇرەككەپ تەھدىت بىلەن كۈرەش قىلىش پەقەت كلاسسىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى بىلەنلا مۇمكىن ئەمەس. تۈركىيە جىددىي ھالدا بۇ تەھدىتنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى بىر مىللىي بىخەتەرلىك مەسىلىسى سۈپىتىدە بېكىتىپ، ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىك روھى بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك:

1- ئستىخبارات ۋە بىخەتەرلىك پارادىگمىسىنى يېڭىلاش:  مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MİT) ۋە ساقچى ئىستىخبارات ئورۇنلىرى، دىققىتىنى پەقەت كىشىلەرنى ۋە گۇرۇپپىلارنى كۆزىتىشتىن ھالقىتىپ، بۇ كىشىلەرنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەۋاتقان خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى مەخپىي نەق پۇل كۆلچىكىنى، پۇل-مۇئامىلە تورلىرىنى ۋە «پۇل ئالماشتۇرۇش» سىستېمىسىنى ئاشكارىلاشقا مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەك. بۇ، MASAK  بىلەن تولۇق بىر گەۋدىلەشكەن، ئالاھىدە تەربىيەلەنگەن، خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە بىلىدىغان، پۇل-مۇئامىلە ئىستىخباراتى ۋە تور بىخەتەرلىكى مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئالاھىدە بىرلىكلەر قۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

 

2- پۇل-مۇئامىلە ۋە قانۇنىي قالقانلارنى كۈچەيتىش:  <پۇل ئالماشتۇرۇش> قا ئوخشاش غەيرىي رەسمىي پىرىۋۇت يۆتكەش سىستېمىلىرىنى (IVTS) ۋە سودىغا ئاساسلانغان قارا پۇل يۇيۇشنى ئالاھىدە نىشان قىلغان قانۇنىي بەلگىلىمىلەر دەرھال قاتتىقلاشتۇرۇلۇشى كېرەك. تاموژنىلاردا، بولۇپمۇ خىتاي بىلەن سودا قويۇق بولغان پورتلاردا خەتەر ئانالىزىغا ئاساسلانغان فىزىكىلىق ۋە مالىيە نازارەتلىرى ئاشۇرۇلۇشى، سىستېمىلىق ھالدا تۆۋەن كۆرسىتىلگەن تالونلارغا قارشى قىلچىمۇ رەھىم قىلماسلىق كېرەك. 

 

3- (بىر مىللىي بىخەتەرلىك مەسىلىسى سۈپىتىدە) ئىقتىسادىي بېقىندىلىقنى ئازايتىش:  تۈركىيە، ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر ئىستراتېگىيە بىلەن خىتايغا بولغان ھالقىلىق تىجارىي ۋە تېخنولوگىيىلىك بېقىندىلىقنى ئازايتىشقا مەجبۇر. بۇ، پەقەت بىر ئىقتىساد سىياسىتى ئەمەس، بىر مىللىي بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيىسى سۈپىتىدە كۆرۈلىشى كېرەك. يەرلىك ئىشلەپچىقىرىشنى قوللاش، بازارنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ۋە ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەردە مىللىيلاشتۇرۇش قەدەملىرى ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە. 

 

 

4- مىللىي ئاڭ ۋە تونۇش سەپەرۋەرلىكى:  ئەڭ ھالقىلىق قەدەم، تۈرك سودا دۇنياسىنى (TOBB, TİM, MÜSİAD, TÜSİAD)  ۋە ئاكادېمىك ساھەنى بۇ قىلتاققا قارشى ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. سودا ئۇيۇشمىلىرى ئارقىلىق، خىتاي تەمىنلىگۈچىلەردىن كەلگەن «نەق پۇل تۆلەش» قىلتىقىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك بىر پايدا بەرسىمۇ، ئۇزۇن مۇددەتتە شىركەتنى، ساھەنى ۋە ئاخىرىدا دۆلەتنى ئەسىر ئالىدىغان بىر قىلتاق مېخانىزمى ئىكەنلىكى ھەقىقىتى، پۈتۈن يالىڭاچلىقى بىلەن چۈشەندۈرۈلۈشى كېرەك.

تۈركىيە، بۇ جىمجىت قورشاۋنى ھېس قىلىپ كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئالمىسا، كەلگۈسىدە ئۆزىنى ئىقتىسادىي قارارلىرى بېيجىڭنىڭ مەنپەئەتىگە ئاساسەن شەكىللەنگەن، پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسى ئۆتنە-تۆشۈك بولۈپ كەتكەن، تېخنولوگىيىلىك جەھەتتىن بېقىندى ۋە مىللىي ئىگىلىك ھوقۇقى قەغەز يۈزىدىلا قالغان بىر دۆلەت سۈپىتىدە كۆرۈش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. بۇ تەھدىتنى كۆرمەسكە سېلىشنىڭ بەدىلىنى يالغۇز بۈگۈنكى ئەۋلادلا ئەمەس، كەلگۈسى ئەۋلادلارمۇ تۆلەيدۇ.

________________________________________

ئىزاھاتلار

[¹]  Qiao, Liang and Wang, Xiangsui (1999). Unrestricted Warfare: China's Master Plan to Destroy America.  

ئىككى خىتاي پولكوۋنىك تەرىپىدىن يېزىلغان ۋە خىتاينىڭ زامانىۋى ئۇرۇش تەلىماتىنى شەكىللەندۈرگەن بۇ ئاساسىي ئەسەر، ھەربىي بولمىغان ۋاسىتىلەرنى (ئىقتىساد، پۇل-مۇئامىلە، قانۇن، ۋە تورلارنى) بىر ئۇرۇش قورالى سۈپىتىدە قانداق ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى نەزەرىيەلاشتۇرىدۇ. 

[²] Doshi, Rush (2021). The Long Game: China's Grand Strategy to Displace American Order.  

بۇ ئەسەر خىتاينىڭ ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى يەرشارىۋىي تەرتىپنى يىمىرىپ، ئورنىغا ئۆز تەرتىپىنى قۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە كۆپ قاتلاملىق ئىستراتېگىيىسىنى تەپسىلىي ئانالىز قىلىدۇ. ئىقتىسادىي ۋاسىتىلەرنىڭ بۇ ئىستراتېگىيىدىكى مەركىزىي رولىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

[³] Spalding, Robert (2019). Stealth War: How China Took Over While America's Elite Slept. 

پىنسىيەگە چىققان بىر ئامېرىكىلىق بىرىگادا گېنېرالى تەرىپىدىن يېزىلغان، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي، تېخنولوگىيىلىك، ئاكادېمىك ۋە پۇل-مۇئامىلە ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىپ غەرب دېموكراتىيىلىرىگە قانداق سىڭىپ كىرگەنلىكىنى ۋە ئىچىدىن ئاجىزلىقلار ياراتقانلىقىنى بايان قىلىدىغان بىر ئەسەر. كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ بۇ ئىستراتېگىيىدىكى رولىنىمۇ تەھلىل قىلىنىدۇ.

[⁴] Center for a New American Security (CNAS). دوكلات: "China’s Use of Economic Coercion". 

بۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش دوكلاتلار، خىتاينىڭ تىجارىي مۇناسىۋەتلەرنى ۋە ئىقتىسادىي بېقىندىلىقلارنى، باشقا دۆلەتلەر ئۈستىدە (مەسىلەن ئاۋسترالىيە ۋە لىتۋا دېلولىرىدا) سىياسىي بېسىم قۇرۇش ئۈچۈن قانداق بىر قورقۇتۇش ۋە جازالاش قورالى سۈپىتىدە ئىشلەتكەنلىكىنى كونكرېت دېلو ئانالىزلىرى بىلەن تەھلىل قىلىدۇ.

[⁵] Royal United Services Institute (RUSI). دوكلات: "Trade-Based Money Laundering: A Global Threat". 

لوندون مەركەزلىك بۇ نوپۇزلۇق تەپەككۇر مەركىزى، ماقالىدىكى «پۇل ئالماشتۇرۇش» سىستېمىسىنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى بولغان «سودىغا ئاساسلانغان قارا پۇل ئاقلاش (TBML) مېخانىزم »لىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ يەرشارىۋىي بىخەتەرلىك ئۈچۈن پەيدا قىلىدىغان تەھدىتلىرىنى تەپسىلىي تەھلىل قىلىدىغان نۇرغۇن دوكلاتلارنى ئېلان قىلغان.

[⁶] Financial Action Task Force (FATF). دوكلات: "Guidance on Trade-Based Money Laundering". 

قارا پۇل يۇيۇش بىلەن كۈرەشتە يەرشارىۋىي ئۆلچەملەرنى بېكىتىدىغان FATF نىڭ (مالىيە ھەرىكەت خىزمەت گۇرۇپپىسى) بۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش يېتەكچى ھۆججەتلىرى، ماقالىدە بايان قىلىنغان ساختا تالونلاشتۇرۇش ۋە غەيرىي رەسمىي پىرۇۋۇت يۆتكەش ئۇسۇللىرىنىڭ خەلقئارالىق بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن قانداق تەرىپلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئەڭ نوپۇزلۇق مەنبەلەردۇر.

[⁷] T.C. Hazine ve Maliye Bakanlığı, Mali Suçları Araştırma Kurulu (MASAK). Yıllık Raporları ve Tipoloji Çalışmaları. MASAK  

 تەرىپىدىن ئېلان قىلغان دوكلاتلىرى ۋە بولۇپمۇ «سودىغا ئاساسلانغان قارا پۇل ئاقلاش (TDYKA) ھەققىدىكى تىپولوگىيە تەتقىقاتلىرى، ماقالىدىكى ئىددىئالارنىڭ تۈركىيەدىكى ئەھۋالىنىڭ تەتقىق قىلىنىشى ئۈچۈن ۋە رەسمىي ئورگانلار تەرىپىدىن ئېنىقلىنىشى ئۈچۈن ئاساسىي بىر مەنبە ھېسابلىنىدۇ.

[⁸] Organized Crime and Corruption Reporting Project (OCCRP). Araştırmaları. OCCRP، خىتاي مەنبەلىك قانۇنسىز پۇل-مۇئامىلە ئېقىملىرىنىڭ، ئۇلارنىڭ يەرلىك جىنايى تەشكىلاتلار بىلەن بولغان باغلىنىشىنىڭ ۋە يەرشارىۋىي كۆلەمدىكى ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىزىنى قوغلايدىغان نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ژۇرنالىستىكا ھۆججەتلىرىنى ئېلان قىلغان.

[⁹] Reuters Investigates. "The China Money Trail" serisi. 

رېيتېرس ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش چوڭ خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى، خىتايدىن چىققان ۋە يەرشارىۋىي پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنى ئاتلاپ ئۆتىدىغان مىلياردلارچە دوللارلىق تىزىمغا ئېلىنمىغان پۇلنىڭ ئىزىنى قوغلايدىغان، كونكرېت دېلو ۋە گۇۋاھچىلارغا ئاساسلانغان چوڭقۇر ھۆججەتلەرنى تەييارلىغان.

[¹⁰] Journal of Money Laundering Control. "The Hawala System: A Gateway for Illicit Financial Flows". 

بۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھۆكۈملۈك ئاكادېمىك ژۇرناللاردا، ھاۋالەگە ئوخشاش ئىشەنچكە ئاساسلانغان غەيرىي رەسمىي پىرىۋۇت يۆتكەش سىستېمىلىرىنىڭ (Informal Value Transfer Systems - IVTS) قۇرۇلمىسى، ئىشلىشى ۋە قانۇنسىز ئاكتىيورلار تەرىپىدىن قانداق ئىشلىتىلىدىغانلىقى ھەققىدە سانسىزلىغان ماقالىلەر بار.

[¹¹] U.S. Department of Justice (DOJ) & Department of the Treasury (OFAC). Basın Açıklamaları ve İddianameleri. 

بۇ باياناتلار، ئامېرىكا ئەدلىيە ۋە خەزىنە مىنىستىرلىقلىرى، خىتاي دۆلىتىنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ئاكتىيورلارنىڭ ۋە ئۇلار بىلەن باغلىنىشلىق جىنايى تەشكىلاتلارنىڭ يەرشارىۋىي قارا پۇل يۇيۇش، ئېمبارگولارنى بۇزۇش ۋە ئىستىخبارات ھەرىكەتلىرىگە قاراتقان تەكشۈرۈشلىرى ھەمدە  ئەيىبنامىلىرى، (ماقالىدە بايان قىلىنغان تورلارنىڭ) ھەقىقىي دۇنيادىكى كونكرېت مىساللىرى ۋە قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتارلىقلاردىن تەشكىل قىلىدۇ.

[¹²] Wilson Center / Kennan Institute. دوكلات: "China's Transnational Repression of Uyghurs".  

بۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق ۋە تەپەككۇر مەركىزى دوكلاتلىرى، خىتاي دۆلىتىنىڭ، دۆلەت سىرتىدىكى ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنى كونترول قىلىش، قورقۇتۇش ۋە ئىچىگە سىڭىپ كىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئۇسۇللىرىنى، ئائىلىلەرگە قورقۇنچ سېلىش، پۇل-مۇئامىلە بېسىمى، WeChat  ئارقىلىق تەھدىت سېلىش، خەۋەرچى تورلىرى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي ھۆججەتلەشتۈرىدۇ.

 

بۇ خەۋەر 1192 قېتىم كۆرۈلدى
25/07/2025 10:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق