يېقىندا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئىجراچىسى ما شىڭرۈينىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇلغان چېن شياۋجياڭ بۇ ھەپتە قەشقەر، ئاتۇش قاتارلىق جايلارغا بارغان بولۇپ، بۇ جەرياندا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ئالاقىدار ئىبارىلەرنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ سېكرېتارى چېن شياۋجياڭ، مۇئاۋىن سېكرېتارى ۋە قورچاق رەئىس ئەركىن تۇنىياز 22-، 23-ئىيۇل كۈنلىرى قەشقەر، قىزىلسۇ ۋە دىۋىزىيە رايونىنى زىيارەت قىلغان.
چېن شياۋجياڭ بۇ جەرياندا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى»نى تولۇق ئىجرا قىلىش، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، يۇغۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، خىتاي تىل-يېزىقىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇش، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى جەمئىيەت مۇقىملىقىنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىبارىلىرىنى تەكرارلىغان.
چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرى بۇ جەرياندا قەشقەردىكى ھېيتگاھ مەسچىتىگىمۇ كىرگەن ۋە دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش تېررور سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن. ئۇلار يەنە ساقچىخانىلارغا بارغان ۋە ئاتالمىش «جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، چېگرا ئېغىزلىرىدىكى خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش» قاتارلىق ئىبارىلەرنى تەكىتلەپ، يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان.
چېن شياۋجياڭ 1-ئىيۇلدا يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ، 2021-يىلى 12-ئايدىن بۇيان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىۋاتقان ما شىڭرۈينىڭ ئورنىغا ئالماشقانىدى. ئانالىزچىلار ئىلگىرى خىتاي مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن چېن شياۋجياڭنىڭ داۋاملىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئاسسىمىلياتسىيە، خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىگە ئالاھىدە كۈچەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىغا قىلغان تۇنجى زىيارىتىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىبارىلىرىنى قايتا تەكىتلىشى يۇقىرىقى قاراشلارنىڭ توغرىلىقىنى كۆرسەتمەكتە.