ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى خىتاينى زىيارەت قىلدى

 

ياۋروپا ئىتتىپاقى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋان دېرلېين ۋە ياۋروپا كېڭىشى رەئىسى ئانتونيو كوستا 24-ئىيۇل خىتايغا زىيارەتكە بېرىپ، شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىش دۇنيانىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى.

BBC قاتارلىق خەلقئارالىق تاراتقۇلار ۋە خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋان دېرلېين ۋە ياۋروپا كېڭىشى رەئىسى ئانتونيو كوستا 24-ئىيۇل بېيجىڭغا بېرىپ، 25-نۆۋەتلىك خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار ئۇچرىشىشىغا قاتناشقان ۋە بۇ جەرياندا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ، باش مىنىستىرى لى چياڭ قاتارلىق ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشكەن. ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان مەزكۇر يىغىن خىتاينىڭ تەلىپى بويىچە بىر كۈنگە قىسقارتىلغان.

ئۇرسۇلا ۋان دېرلېين ئۇچرىشىشتا شى جىنپىڭغا خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى تىلغا ئالغاندىن سىرت، نۆۋەتتە خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنى بەلگىلەيدىغان ھالقىلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

شى جىنپىڭ بولسا خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسنىڭ خىتايدىن كەلمەيۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلغان. خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئىككى تەرەپ بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا كىلىمات مەسىلىسى بويىچە ئورتاق بىرلىككە كەلگەن.

يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى سودا كېلىشىمىدە ئىلگىرىلەش كۆرۈلمىگەن بولۇپ، ئالدىنقى ئايدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار ئۇچرىشىشىدىن بۇرۇن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن سودا-ئىقتىساد سۆھبىتى ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

خىتاي ئىزچىل تەرىقىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇ ئاينىڭ بېشىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى باش ئىشتابى، گېرمانىيە ۋە فىرانسىيەنى زىيارەت قىلغانىدى.

خىتاي يەنە 2021-يىلى ئۇيغۇرلار سەۋەبلىك ياۋروپا پارلامېنتىدىن ئۆچ ئېلىپ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن بەش پارلامېنت ئەزاسىغا يۈرگۈزگەن جازانى بۇ يىل ئاپرېل ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئەمەلدىن قالدۇردى.

 

بۇ خەۋەر 230 قېتىم كۆرۈلدى
25/07/2025 14:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق