ئامېرىكا سودا مىنىستىرى خاۋېرد لۇتنىك خىتاينىڭ قىسقا سىن ھەمبەھرىلەش سۇپىسى TikTok ھەققىدە توختىلىپ، ئەگەر خىتاي رېجىمىTikTok نىڭ ئامېرىكىدىكى مۇلازىمىتىنىڭ سېتىلىشىنى تەستىقلىمىسا، مەزكۇر سۇپىنىڭ ئامېرىكىدىكى تىجارىتىنىڭ توختىتىلىدىغانلىقىنى، ByteDance شىركىتىنىڭ 17-سېنتەبىردىن بۇرۇن TikTokنىڭ ئامېرىكىدىكى مۇلازىمىتىنى قولدىن چىقىرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خاۋېرد لۇتنىك 24-ئىيۇل CNBC قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ چوقۇم TikTokنى كونترول قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «بۇ قارارنى چىقىرىپ بولدۇق. بىز 100 مىليون ئامېرىكىلىقنىڭ تېلېفونىدا خىتاينىڭ كونتروللۇقىدىكى بىر نەرسىنىڭ بولۇشىغا يول قويالمايمىز» دېگەن.
خاۋېرد لۇتنىك يەنە ئامېرىكىنىڭTikTok نىڭ ئالگورىزم قىسمىنى، يەنە مەزكۇر سۇپىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمىنى كونترول قىلىدىغانلىقىنى، TikTokنىڭ ئانا شىركىتى بولغانByteDance نىڭ بولسا ئاز بىر قىسمىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى، ئەگەر خىتاي رېجىمى بۇ كېلىشىمنى تەستىقلىمىسا،TikTok نىڭ ئامېرىكىدىكى مۇلازىمىتىنىڭ توختىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جۈمە كۈنى مۇخبىرنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا دۇچ كەلدى. ئەمما ئۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، خىتاي رېجىمىنىڭ بۇندىن ئىلگىرى مەزكۇر مەسىلىدىكى مەيدانىنى بىلدۈرۈپ بولغانلىقىنى ئېيتتى.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە TikTokنىڭ ئامېرىكىدىكى ئابۇنىتلىرى 170 مىليونغا يېقىن بولۇپ، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئىزچىل ئەندىشە قوزغاپ كەلگەن. ئامېرىكىنىڭ بۇلتۇر ماقۇللانغان ئالاقىدار قانۇنىغا ئاساسەن، خىتاينىڭ ByteDance شىركىتى TikTok سۇپىسىنىڭ ئامېرىكىدىكى مۇلازىمىتىنى خالىغان بىر ئامېرىكا شىركىتىگە سېتىپ بېرىشى، ئەكسىچە بولغاندا بۇ يىل 19-يانۋاردا ئامېرىكىدىكى تىجارىتىنىڭ توختىتىلىدىغانلىقى بېكىتىلگەنىدى. ئەمما دونالد تىرامپ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن بۇ مۇددەتنى كۆپ قېتىم كېچىكتۈرگەنىدى. ئۇ ئالدىنقى ئايدا يەنەTikTok ئۈچۈن بىر تۈركۈم «ئىنتايىن باي» سېتىۋالغۇچىلارنى تاپقانلىقىنى، ئەمما بۇ سودىنىڭ خىتاي رېجىمىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتقانىدى.