ئاۋسترالىيە بىلەن ئەنگلىيە ئورتاق باياناتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى

 

ئاۋسترالىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە مۇداپىئە مىنىستىرى 25-ئىيۇل سىدنېيدا ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ۋە مۇداپىئە ۋەزىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان بولۇپ، ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئورتاق باياناتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىمۇ تىلغا ئېلىندى.

ئاۋسترالىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېنىي ۋوڭ، مۇداپىئە مىنىستىرى رىچارد مارلېس، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى داۋىد لامىي، مۇداپىئە ۋەزىرى جون ھىلىي جۈمە كۈنى ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. سۆھبەتتىن كېيىن خەلقئارالىق مەسىلىلەرگە قارىتا ئىككى دۆلەتنىڭ مەيدانى بايان قىلىنغان ئورتاق بايانات ئېلان قىلىنغان.

مەزكۇر باياناتتا خىتاينىڭ دېڭىز رايونىدىكى زومىگەرلىك ھەرىكەتلىرى، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە خوڭكوڭدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا ئۈچىنچى دۆلەتنىڭ قول تىقىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىنسانىي ياردەمگە توسقۇنلۇق قىلىشى، ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ غەربىي قىرغاقتىكى قانۇنسىز يەرلىشىش قىلمىشلىرى، ئىسرائىلىيە-ئىران توقۇنۇشى قاتارلىق تۈرلۈك خەلقئارالىق مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنغان.

باياناتتا تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقىنىڭ ئالاھىدە مۇھىم ئىكەنلىكى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىشىگە قارشى تۇرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەندىن سىرت، خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

باياناتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قىسمىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد، مەدەنىيەت، مائارىپ ۋە تىل-يېزىق جەھەتتىكى ھوقۇقلىرىنى ۋە ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىش قاتارلىق قىلمىشلىرىغا قارىتا مىنىستىرلارنىڭ ئورتاق ئەندىشىسى قايتا تەكىتلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ بۇ يىل 2-ئايدا تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇش مەسىلىسىگە چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئاۋسترالىيە بىلەن ئەنگلىيە بۈگۈن يەنە ئاۋسترالىيە-ئامېرىكا-ئەنگلىيە ئۈچ تەرەپ بىخەتەرلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنى  (AUKUS)تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋەدىسى تەكىتلەنگەن يېڭى شەرتنامە ئىمزالىغان. مۇددىتى 50 يىل بولغان مەزكۇر شەرتنامىدە يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتىنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشانلانغان.

 

 

بۇ خەۋەر 243 قېتىم كۆرۈلدى
26/07/2025 18:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق