بۇ ئاينىڭ بېشىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىجراچىسى ما شىڭرۈينىڭ ئورنىغا چېن شياۋجياڭ ئالماشتۇرۇلغاندىن كېيىن، يەنە بىر تۈركۈم خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئارقىمۇ ئارقا تەكشۈرۈلۈشى دىققەت قوزغىماقتا.
خىتاي خەلق تورىنىڭ ئالاقىدار خەۋەرلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئىقتىساد كومىتېتى»نىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى يوۋ جەنجۈن ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى تەرىپىدىن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي بۆلۈمنىڭ مۇدىرى لى جىۋېي ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى جاڭ شياۋمىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئوخشاشلا ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.
بۇلاردىن سىرت، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى»نىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى دوۋ ۋەنگۇينىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ، پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن ۋە ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىنىدىغانلىقى، بارلىق شەخسىي مال-مۈلكىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
گەرچە بۇ ئاي ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋەزىپىسى ئالماشتۇرۇلغان ياكى قالدۇرۇلغان، ئەڭ چوڭ ئەمەلدارى ئالماشتۇرۇلغان بولسىمۇ، مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ داۋاملىق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە.