خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، خۇسۇسەن مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتى سەۋەبلىك دۇچ كەلگەن ئەيىبلەشلەر، تەنقىدلەرگە قارىماستىن، شەرقىي تۈركىستاندىن ياۋروپا، ئاسىيا ئەللىرىگە تۇتاشقان ھاۋا لىنىيەلىرىنى كۆپەيتىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا فىرانسىيە ۋە ئىسپانىيەگە قاتنايدىغان مال تىرانسپورت ھاۋا لىنىيەسى رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن.
ئاتالمىش «شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى»نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، فىرانسىيەنىڭ ھاۋا يوللانما شىركىتى «CMA CGM» رەسمىي تۈردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىن فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىگە ۋە ئىسپانىيەنىڭ مادرىد شەھىرىگە قاتنايدىغان خەلقئارالىق يۈك توشۇش ھاۋا لىنىيەسىنى ئاچقان.
خەۋەردە 27-ئىيۇل پارىژدىن ئۇچۇپ كەلگەن يۈك توشىغۇچى ئايروپىلاننىڭ ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا تۇنجى قېتىم قونغانلىقى، ئايروپىلاننىڭ يەنە ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلاردىن تەشكىل تاپقان 57 توننا مالنى يۈكلەپ، قايتىدىن يولغا چىققانلىقى، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شاڭخەي، خوڭكوڭ، جېڭجۇ، گۇاڭجۇدىن كېيىن فىرانسىيەگە تەۋە مەزكۇر ھاۋا يوللانما شىركىتىنىڭ خىتايدىكى 5-تۈگۈنى بولغانلىقى قەيت قىلىنغان.
خەۋەردە يەنە مەزكۇر لىنىيەنىڭ خىتايدىن ياۋروپاغا ئېچىلغان ئەڭ يېقىن خەلقئارا ئۇچۇش يولى ئىكەنلىكى، بۇ لىنىيە ئارقىلىق پارىژ شەھىرىگە مال ئەۋەتكەندە، ھەر كىلوگىرام يۈكتىن تەخمىنەن بەش يۈەن تېجىلىدىغانلىقى، پۈتۈن يىل بويىچە ھېسابلىغاندا تەخمىنەن 75 مىليون يۈەن چىقىمنى تېجىگىلى بولىدىغانلىقى، ئايروپىلاننىڭ ھەپتىدە تۆت قېتىم قاتنايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
نۆۋەتتە ياۋروپا دۆلەتلىرى خىتاينىڭ Temu، Shein قاتارلىق تور سودا سۇپىلىرىدىكى ئەرزان باھالىق ماللارنىڭ ياۋروپا بازىرىنى قالايمىقان قىلىشىغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئالدىنقى ئايلاردا ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى بۇنىڭغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ئىستېمالچىلارغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدىغان كىچىك پوسۇلكىلاردىن باج كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى بىكار قىلىشنى تەكلىپ قىلغانىدى. فىرانسىيە كېڭەش پالاتاسىمۇ بۇ يىل 3-ئايدا خىتاينىڭ تور سودا شىركىتى Shein نى نىشانلىغان بىر قانۇن لايىھەسى ماقۇللىغانىدى.
ھالبۇكى، ياۋروپادىن ئۈرۈمچىگە ئېچىلغان بۇ ھاۋا لىنىيەسى بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق ماللىرىنىڭ تېخىمۇ ئەرزان ھالدا ياۋروپاغا تۆكمە قىلىپ سېتىلىشىنى تېزلەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپاغا توسالغۇسىز ئېقىشى ئۈچۈن يەنە بىر ئىشىك ئېچىپ بەرمەكتە.