خىتاي تور مەشھۇرلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا يىغىپ ساختا تەشۋىقات پائالىيىتى باشلىدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاش ئۈچۈن، شۇنداقلا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە تەييارلىق قىلىش باھانىسى بىلەن، خىتايدىكى بىر تۈركۈم تور مەشھۇرلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا يىغىپ، خەلقنىڭ ئاتالمىش «خاتىرجەم ياشاپ، خوشال-خورام ئىشلەۋاتقانلىقى»دەك ساختا تەشۋىقات مەزمۇنلىرى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 28-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالدىنقى ھەپتە خىتاي رېجىمىنىڭ ئورۇنلاشۇرۇشى بىلەن، 40 تىن ئارتۇق خىتاي تور مەشھۇرى «خىتايچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۈرلۈك-تۈمەن قىياپىتى» نامىدا شەرقىي تۈركىستانغا يىغىلغان. ئۇلار قومۇل، كورلا، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارنى «زىيارەت قىلىش»قا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلاردىن تۈرلۈك تەشۋىقات ئۇسۇللىرى بىلەن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» تەلەپ قىلىنغان.

بۇ قېتىملىق ساختا تەشۋىقات پائالىيىتىنى خىتاي تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى تور جەمئىيەت خىزمىتى ئىدارىسى بىلەن ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى» تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان.

خەۋەردە مەزكۇر تور مەشھۇرلىرىنىڭ خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش «نەتىجىلىرى»نى، جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاپ، خوشال-خورام ئىشلەۋاتقان بەختلىك تۇرمۇشىنى بايان قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر قېتىملىق ساختا تەشۋىقات ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن.

خىتاي يېقىنقى يىللاردا تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئىچى-سىرتىدىكى تور مەشھۇرلىرىنى ياللاپ ئىشلىتىش بۇنىڭ بىر تۈرى ھېسابلىنىدۇ. بۇندىن ئىلگىرى ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىغا  (ASPI)ئوخشاش نوپۇزلۇق ئەقىل ئامبارلىرى خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلغانىدى.

بۇ خەۋەر 373 قېتىم كۆرۈلدى
28/07/2025 14:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق