ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىكتاك توپ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، 26-ئىيۇل ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىكتاك توپ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇيغۇر ياشلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنى چىڭىتىش، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن مەنپەئەتلىك تەنتەربىيە تۈرلىرىگە قىزىقتۇرۇش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر مۇسابىقىگە ئوخشىمىغان ياشتىكى بىر تۈركۈم ياشلار قاتناشتى.

قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدىن كېيىن، نەتىجىگە ئېرىشكەن ياشلارغا دەرىجە بويىچە نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلاندى.

بۇ خەۋەر 150 قېتىم كۆرۈلدى
28/07/2025 20:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق