ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن سېكرېتارى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ۋە قورچاق رەئىس ئەركىن تۇنىياز خىتاينىڭ ئاتالمىش «1-ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىمى»غا ئۇدۇللاپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ھەربىي قىسىملىرىنى، قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئاتالمىش «مۇقىملىق»نى قوغداش، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى تەكىتلىدى.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر خىتاي ئەمەلدارلىرى 29-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە خىتاينىڭ قوراللىق ساقچى قىسىم باش ئەترىتى ئورگىنى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە توپچىلار قىسمى، ھاۋا ئارمىيە بازىسى قاتارلىق جايلارنى، ئاتالمىش «خەلق ئەسكەرلىرى»نى زىيارەت قىلغان.
چېن شياۋجياڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا باش رول ئوينىغان خىتاي ھەربىي قىسىملىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى ماختاپ، ئۇلارنىڭ خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى كونترول قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرغانلىقىنى، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقىغا مەركەزلەشتۈرگەنلىكىنى، خىتاينىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساداقەتمەنلىك بىلەن قوغدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.
چېن شياۋجياڭ يەنە باشقا ئورگان، تارماقلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەربىي قىسىملارنىڭ ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىشى كېرەكلىكىنى، ھەربىي خادىملارغا نەپىقە بېرىش، ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەربىي، ساقچى قىسىملىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش، كۈچەيتىش كېرەكلىكىگە ئىشارەت قىلغان.
يېڭىدىن تەيىنلەنگەن خىتاي ئەمەلدارى چېن شياۋجياڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تەكشۈرۈشكە بارغاندا، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى ئىزچىل تەكىتلىمەكتە.