ئامېرىكا كېسەللىكنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى نۆۋەتتە خىتايدا تېز سۈرئەتتە تارقىلىۋاتقان چىكۇنگۇنيا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن، خىتايغا ساياھەت قىلىدىغان پۇقرالار ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىشقا تەييارلانماقتا.
بىلومبېرگنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىيۇل ئېيىنىڭ بېشىدا بايقالغان تۇنجى يۇقۇملانغۇچىدىن كېيىن ھازىرغىچە پۈتۈن خىتايدا تەخمىنەن بەش مىڭ يۇقۇملانغۇچى خاتىرىلەنگەن. بۇنىڭ تەخمىنەن 3000 ى خوڭكوڭ بىلەن قوشنا بولغان گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە پەقەت يېقىنقى بىر ھەپتىدە مەلۇم قىلىنغان.
ياۋروپا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، يىل بېشىدىن بۇيان كەم دېگەندە 16 دۆلەتتە 240 مىڭ يۇقۇملانغۇچى بايقالغان، 90 كىشى قازا قىلغان.
ئامېرىكا كېسەللىكنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ بەرگەن ئىزاھاتىدا: «گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى چىكۇنگۇنيا يۇقۇمىنىڭ كۆلىمى ۋە تارقىلىشى باھالىنىۋاتىدۇ» دېيىلگەن. ئەگەر مەزكۇر ئورگان ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلغان تەقدىردە، بۇ خىتايغا قارىتا رەسمىي ساياھەت ساغلاملىق ئاگاھلاندۇرۇشى دەپ ھېسابلىنىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، چىكۇنگۇنيا ۋىرۇسى پاشىلار ئارقىلىق تارقىلىدىكەن. بۇرۇن ئافرىقا، ئامېرىكا، ئاسىيا ۋە ياۋروپادا كەڭ كۆلەملىك يۇقۇمغا سەۋەب بولغان بۇ ۋىرۇس ساياھەتچىلەر ئارقىلىق تېخى تەسىرى كۆرۈلمىگەن رايونلارغىمۇ تارقىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
مەزكۇر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئادەتتە قاتتىق قىزىش ۋە كۈچلۈك بوغۇم ئاغرىقى بىلەن باشلىنىدىغان بولۇپ، باشقا ئالامەتلەردىن باش ئاغرىقى، بەدەن ئاغرىقى، بوغۇملاردا ئىششىق پەيدا بولۇش ۋە تېرە چۈشۈش قاتارلىقلار بار ئىكەن. ئېغىر ئەھۋالدا بوغۇملاردا مەڭگۈلۈك زەخىملىنىش ۋە ئۇزۇن مۇددەت مېيىپلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
چىكۇنگۇنيا ئۈچۈن تېخى تەستىقلانغان داۋالاش ئۇسۇلى ياكى ۋاكسىنا يوق بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر ساياھەت قىلىدىغان كىشىلەرگە پاشا چېقىۋېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن چارە كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلغان.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، چىكۇنگۇنيا ۋىرۇسىنىڭ قايتىدىن يەرشارىۋى ۋاباغا ئايلىنىش خەتىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان بولۇپ، 119 دۆلەتتە تەخمىنەن 5.6 مىليارد ئادەمنىڭ بۇ ۋىرۇسقا دۇچ كېلىش خەتىرى بولغان رايونلاردا ياشايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
2004-يىلىدىن بۇيان مەزكۇر ۋىرۇستا تېخىمۇ ئاسان تارقىلالايدىغان گېن ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەنلىكى سەۋەبلىك، تېخىمۇ كۆپ ۋە تېخىمۇ كەڭ دائىرىلەرگە تارقالغانلىقى تەكىتلەنمەكتە.
ئامېرىكىنىڭ ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى يېقىن كۈنلەردە رەسمىي ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن بولۇپ، خىتايغا ساياھەت قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ يېڭى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تەۋسىيەلەرنى دىققەت بىلەن كۆزىتىپ تۇرۇشى تەۋسىيە قىلىنماقتا.