شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ئىستوكھولمدا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق سودا سۆھبىتى ئاخىرلاشتى.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سىكوت بېسېنت خىتاي ھەيئىتى بىلەن ئىككى كۈن داۋاملاشقان سۆھبەتلەر تاماملانغاندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ سۆھبەت جەريانىدا ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئىمزالىغان سودا كېلىشىملىرىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
بېسېنت يىغىندا خىتاينىڭ يەرشارى مىقياسىدا ئېھتىياجدىن زىيادە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، جازا يۈرگۈزۈلگەن ئىران نېفىتىنى سېتىۋېلىشى ۋە رۇسىيەگە قوش يۆنىلىشلىك تېخنىكا سېتىۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەردىكى ئەندىشىلىرىنى يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.
بېسېنت ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ ماي ئېيىدا تاموژنا بېجىنى قوش تەرەپلىك 90 كۈن مۇددەتلىك ئازايتىش قارارى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي تەرەپنىڭ تاموژنا بېجى مەسىلىسىدە ئۆزئارا كېلىشكەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ بىلەن سۆھبەتلىشىشتىن بۇرۇن بۇنداق كېلىشىم تۈزمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، سۆھبەتتە خىتاي تەرەپكە ۋەكىللىك قىلغان مۇئاۋىن باش مىنىستىر خې لىفېڭ مۇقىم، ساغلام ۋە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان خىتاي-ئامېرىكا ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمكارلىقىنىڭ پەقەت ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات نىشانلىرىغا تۆھپە قوشۇش بىلەنلا قالماستىن، يەنە يەرشارى ئىقتىسادىي ئۆسۈشى ۋە مۇقىملىققىمۇ ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.
خې لىفېڭ بىر تەرەپتىن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ بولغاندەك ئىپادە بىلدۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىككى تەرەپنىڭ ئامېرىكىنىڭ %24 لىك تاموژنا بېجى قويۇشى ۋە خىتاينىڭ بۇنىڭغا قارىتا قارشى تەدبىرلىرىنى توختىتىپ تۇرۇشنى يەنە 90 كۈن ئۇزارتىش ئۈچۈن خىزمەتلەرنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىر-بىرىگە زىت سۆزلىرى ۋە ئامېرىكا ۋەكىلىنىڭ ئۇنىڭ سۆزىنى ئىنكار قىلغان تەرىقىدە ئىپادە بىلدۈرۈشى دىققەت قوزغىماقتا.