بىر ھەپتىدىن بۇيان خىتاينىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا مىقدارى بىر يىللىق يامغۇرغا تەڭلىشىدىغان بوران-چاپقۇنلارنىڭ تەسىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئېغىر يامغۇردىن كېلىپ چىققان كەلكۈن بېيجىڭنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان مىيۈن رايونىدىكى بىر ياشانغانلار ساناتورىيەسىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان.
خىتاينىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، كەلكۈن جەريانىدا 69 كىشىلىك ساناتورىيەدىكى 55 ى مېيىپ بولغان خىتاينىڭ ى31 ئۆلگەن.
كەلكۈندىن كېلىپ چىققان زىياندا بېيجىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەتراپتىكى رايونلاردا 44، خېبېي ئۆلكىسىدە 16، شەنشى ئۆلكىسىدە 10 خىتاي ئۆلگەن. يەنە بىر تۈركۈم خىتايلار يوقاپ كەتكەن.
مۇھاپىزەتچى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، بوراندا ماشىنىلار ئۆرۈلۈپ كەتكەن، ئۆيلەر سۇ ئاستىدا قالغان، 80 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي كۆچۈرۈلگەن ۋە 100 دىن ئارتۇق يېزىدا توك توختاپ قالغان.