خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتىدە پاختا مەھسۇلاتلىرى ئالاھىدە دىققەت نۇقتىسى ۋە جازا نىشانىغا ئايلانغان بولسىمۇ، خىتاي نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ پاختىسىنى مەخسۇس پويىز ئاجرىتىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇماقتا.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە يېقىندا 2000 توننىغا يېقىن پاختا يۈكلەنگەن بىر يۈك پويىزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كۇيتۈن بېكىتىدىن خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ بىنجۇ شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققانلىقى، بۇ شەرقىي تۈركىستاندىن قاتناشقا باشلىغان تۇنجى پاختا توشۇش مەخسۇس پويىزى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.
خەۋەردە يەنە مەزكۇر پويىز ئارقىلىق يەتكۈزۈش ۋاقتىنى 14 كۈندىن 6 كۈنگە قىسقارتقىلى بولىدىغانلىقى، كېيىنكى مەزگىلدە يەنە مەخسۇس پاختا توشۇيدىغان تۆت نۆۋەتچى پويىز كۆپەيتىشنى پىلانلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ پاختا مەھسۇلات مىقدارى دۇنيانىڭ پاختا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ %20 تىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلماقتا. بۇ سەۋەبلىك خىتاي شىركەتلىرىدىن باشقا، يەنە كۆپلىگەن خەلقئارالىق كىيىم-كېچەك شىركەتلىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتلىرىغا چېتىشلىق چىقماقتا.
گەرچە ئامېرىكىنىڭ تاموژنا تارماقلىرى نۆۋەتتە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»نى ئىجرا قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇلتۇر ئېلان قىلىنغان بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئامېرىكا ۋە خەلقئارادىكى پارچە ساتقۇچى شىركەتلەر سېتىۋاتقان مەھسۇلاتلارنىڭ %19 ىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى، قانغا بويالغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق بازارغا كىرىۋاتقانلىقى ئىسپاتلانغانىدى.