خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى زۇلمەتلىك يۈزى ئەندىشە پەيدا قىلماقتا

قازاقىستاندا خىتاي خېرىدارلار ئۈچۈن ۋاكالىتەن تۇغقۇچى ئىزدەيدىغان ۋاسىتىچى شىركەتلەرنىڭ پائالىيەتلىرى دىققەت تارتىدىغان دەرىجىگە بارغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر ئۇنىڭ ئارقىسىدا ئادەم ئەتكەسچىلىكىدىن تارتىپ ئىچكى ئەزا قاراڭغۇ بازىرىغىچە بولغان خىتاي مەركەزلىك خەلقئارالىق جىنايەت شايكىسىنىڭ بارلىقى ھەققىدە ئەندىشىسىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان قازاقىستانلىق ئاياللار بۇ ھەقتە زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋاكالىتەن تۇغقۇچى ئىزدەش ئېلانلىرىغا ئۇچراپ قالغانلىقىنى، بۇ ئىش ئۈچۈن تەخمىنەن 9 مىڭدىن 13 مىڭ ياۋروغىچە ھەق تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى، بۇنىڭدىن باشقا ھامىلىدارلىق جەريانىدا ھەقسىز تۇرالايدىغان ئۆي ۋە ئايدا تەخمىنەن 500 ياۋرو ۋەدە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

بىر زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ Instagram،TikTok قاتارلىق سۇپىلاردا ئالاقىدار ئېلاننى كۆرگەنلىكىنى، ئالاقىلاشقاندىن كېيىن ھەممە ئىشنىڭ WhatsApp ئارقىلىق داۋاملاشقانلىقىنى، كېيىن ئۇنى مەخسۇس بىر تۇغۇش مەركىزىگە ئەۋەتكەنلىكىنى، تەكشۈرۈشتىن كېيىن ھامىلە يۆتكەشنىڭ قازاقىستاندا ئەمەس، بەلكى خىتايدا قىلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىشقانلىقىنى بىلدۈرگەن. يەنە بىر ئايالمۇ تېخىمۇ كۆپ ھەققە ئېرىشىش، ئىككى ھەپتە ھەقسىز ساياھەت قىلىش، ياخشى ساغلاملىق مۇلازىمىتىگە ئېرىشىش قاتارلىق ۋەدىلەر بىلەن بۇ تەلەپنى قوبۇل قىلغان.

ئەمما ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ھامىلە يۆتكەش باسقۇچى خىتايدا ئەمەس، كامبودژادا ئېلىپ بېرىلغان. ئۇ بۇ جەرياندا ئۆزلىرىنىڭ نەگە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئۇقالمىغان. يەنە بىرسى بولسا بېيجىڭدا تۇرغان بولۇپ، ئوخشاشلا نەگە ئاپىرىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلمىغان، تېلېفونىمۇ بېرىلمىگەن. ئۇ بارغان يېرىدە باشقا ئۈچ ئايالنى كۆرگەن بولۇپ، ھامىلە يۆتكەش جەريانى 15 مىنۇتتەك داۋاملاشقان.

ئۇلار ھامىلە يۆتكەشتىن كېيىن رۇسىيە، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 20 ئايال بىلەن بىرلىكتە تۇرغانلىقىنى، ئۆيدىن چىقماسلىق تەلەپ قىلىنغانلىقىنى، بىر ھەپتە داۋالاش مەركىزىگە ئاپىرىلغانلىقىنى ۋە ئاندىن قازاقىستانغا قايتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتقان.

زىيارەت قىلىنغۇچىلار يەنە بېشىغا كەلگەن پاجىئەنى سۆزلەپ، بالىنى تۇغۇپ ئۈچ كۈندىن كېيىن خىتاي خېرىدارغا ئىشلەيدىغان ئىككى باققۇچى ئايال كېلىپ، بالىنى ئۇنىڭدىن ئېلىۋالغانلىقىنى ۋە خىتايغا ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى، ھازىر بالىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن بىيولوگىيەلىك ئانا ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەنلىكى توغرىسىدىكى بايانغا ئىمزا قويۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋاكالىتەن تۇغقۇچىلارنى قىلتاققا چۈشۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان خىتاينىڭ ئاتالمىش ۋاسىتىچى شىركەتلىرىنىڭ مەزكۇر ئاياللارغا قىلىۋاتقان تەھدىت ۋە بېسىملىرى سەۋەبلىك، ئۇلار ئادۋوكاتقا مۇراجىئەت قىلغان بولۇپ، ۋەقەنى تەكشۈرگەن ئادۋوكاتلار يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن ھەيران قالغانلىقىنى، مەزكۇر ئاياللارغا ئىمزا قويدۇرغان شىركەتنىڭ قازاقىستاندا دورا تەمىنلىگۈچى سۈپىتىدە ئەنگە ئېلىنغانلىقىنى، ئىمزالانغان ھۆججەتلەرنىڭ قازاقىستان قانۇنلىرىغا زىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن ۋە: «كېلىشىمدە بالىنىڭ بىيولوگىيەلىك ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىسمى بولۇشى ۋە ئىسىملىرىنىڭ تۇغۇلۇش گۇۋاھنامىسىگە يېزىلىشى كېرەك. يەنى ئەر-ئايال بىر جۈپنىڭ ئىسمى بولۇشى لازىم، شىركەتنىڭ ئىسمى ئەمەس» دېگەن.

ئادۋوكاتلار يەنە بوۋاقلارنىڭ ھازىر نەدە ئىكەنلىكىنىڭ نامەلۇم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ۋەقەنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئەتكەسچىلىكى جىنايىتىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى، ۋاكالىتەن تۇغقۇچى ئاياللارنىڭ بالىلارنى قانۇنسىز ئىچكى ئەزا يۆتكەش ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىدىغان خەلقئارالىق بىر جىنايەت تورىنىڭ قۇربانى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئاياللارنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان مەزكۇر جىنايەت شايكىسىنىڭ خىتاينى مەركەز قىلغان ھالدا رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، گىرۇزىيە ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تۇتاشقان بىر جىنايەت تورى شەكىللەندۈرگەنلىكى ئايدىڭلاشقان بولۇپ، ئادۋوكاتلار نۆۋەتتە ۋاكالىتەن تۇغقۇچى ئاياللار نامىدىن رەسمىي ئەرز سۇنغان.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 384 قېتىم كۆرۈلدى
02/08/2025 20:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق