خىتاي رېجىمى تۇغۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى، قېرىلىق نىسبىتىنىڭ ئېشىشى قاتارلىق نوپۇس كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەپتە يەنە ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا تولۇقلىما پۇلى بېرىش سىياسىتىنى ئېلان قىلدى.
خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رېجىمى بۇ ھەپتە يېڭى ئېتىبار سىياسىتى ئېلان قىلىپ، 2025-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان ھەربىر بالىنىڭ ھەر يىلى 3600 يۈەن تولۇقلىما پۇلىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچ يېشىغا قەدەر داۋاملىشىدىغانلىقىنى، 2022-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭمۇ يۇقىرىقىدىن تۆۋەنرەك مىقداردا تولۇقلىما پۇلىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خىتايلارنىڭ تۇغۇش نىسبىتى ئۈچ-تۆت يىلدىن بۇيان ئىزچىل تۆۋەنلەۋاتقان بولۇپ، خىتاي رېجىمىنىڭ بالدۇر توي قىلىش، بالدۇر تۇغۇش، كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان تەدبىرلىرى بۇ يۈزلىنىشنى توسۇپ قالالمىغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، خىتايلارنىڭ نۆۋەتتىكى بىر مىليارد 400 مىليونلۇق نوپۇسى 2100-يىلىغا بارغاندا 800 مىليونغا يەتمەسلىكى مۇمكىن ئىكەن.
ھالبۇكى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان نوپۇس ئازايتىش سىياسىتى داۋاملىق ئىجرا قىلىنىۋاتقان بولۇپ، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، نوپۇس چەكلەش سىياسەتلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە ئىزچىل داۋاملاشماقتا.