ئامېرىكىنىڭ ئىككى پالاتاسىدىكى ئىككى پارتىيەگە مەنسۇپ بىر تۈركۈم پارلامېنت ئەزالىرى «2025-يىللىق ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى جاۋابكارلىقى ۋە جازالاش قانۇن لايىھەسى»نى سۇنغان بولۇپ، قانۇن لايىھەسىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك جازالاش تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشى تەلەپ قىلىنغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، 31-ئىيۇل ئامېرىكا-خىتاي كومپارتىيەسى ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى جون مۇلىنار، پارلامېنتنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى دان سۇلىۋان ۋە مەزكۇر كومىتېتىنىڭ ئورتاق رەئىسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىس سىمىس بىرلىكتە بۇ قانۇن لايىھەسىنى سۇنغان. بۇ لايىھە يەنە بىر تۈركۈم پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە «ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى سىياسىتى قانۇنى»غا ئاساسەن نۆۋەتتە ئىجرا قىلىنىۋاتقان جازا تەدبىرلىرىنى كېڭەيتىش؛ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە نوپۇس كونترول قىلىشقا چېتىشلىق شەخسلەرگە ۋىزا چەكلىمىسى قويۇش؛ خىتاينىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ۋە قىيىن-قىستاقلىرىغا ئۇچرىغان، ھازىر قۇتۇلۇپ چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلارغا داۋالىنىش، پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش؛ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە، باستۇرۇشقا چېتىشلىق شىركەت، ئورگانلاردىن مەھسۇلات سېتىۋالماسلىق؛ خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىشتەك ساختا تەشۋىقات ۋە يالغان ئۇچۇرلىرىنى پاش قىلىش؛ باستۇرۇشقا ئالاقىدار تەكشۈرۈش، ئارخىپلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى قوللاش... قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
جون مۇلىنار بىر باياناتىدا: «خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقى دەۋرىمىزدىكى ئەڭ ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى ۋەھشىيلىكىدىن بىرى...» دېگەن. دان سۇلىۋانمۇ: «ئىسپاتلار ئېنىق. خىتاي كومپارتىيەسى مەقسەتلىك ۋە پىلانلىق ھالدا بىر ھەرىكەت باشلاپ، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنى ۋەيران قىلدى» دېگەن. كىرىس سىمىسمۇ: «ئىرقىي قىرغىنچىلىق تارىخىي خاتىرە ئەمەس، بەلكى نۆۋەتتە، كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىۋاتىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى يوقىتىشتا قوللانغان ۋەھشىيانە ۋاسىتىلىرى ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ قەبىھ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى جاۋابكارلىقى ۋە جازالاش قانۇن لايىھەسى» ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 2023-يىلى ۋە 2024-يىلىمۇ پارلامېنتقا سۇنۇلغان، ئەمما ئەمما ھېچقايسىسى قانۇن تۇرغۇزۇش باسقۇچىغا كىرەلمىگەن.