شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتى يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىنى سايلاپ چىقتى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتى شۇرا ھەيئىتىنىڭ چاقىرىقى ۋە مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ تۈركىيە ئىچى-سىرتىدىكى 50 دىن ئارتۇق ۋەكىلىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن، 29-، 30-ئىيۇل كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئىككى كۈنلۈك ئىستىشارە (كېڭەش) يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ نىزامنامىسى كۆزدىن كۆچۈرۈلۈپ، تەشكىلى قۇرۇلمىسى قايتىدىن رەتلەپ چىقىلدى. ھەرىكەتنىڭ ئەڭ ئالىي ئورگىنى بولغان 11 كىشىلىك شۇرا ھەيئىتى ئەركىن سايلام ئارقىلىق قايتا تاللاندى.

يىغىندا ھەرىكەتنىڭ غوللۇق ئەزالىرىنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرى ئاساسىدا نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى تەقەززا قىلىۋاتقان مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ قىممەت قاراشلىرى، پىرىنسىپلىرى ۋە يول خەرىتىسى قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرۈلۈش ئارقىلىق ماقۇللاندى.

يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تەقەززاسى ۋە نۆۋەتتىكى كىرىزىسلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بىر قىسىم جىددىي قارارلار ماقۇللاندى.

بۇ خەۋەر 1148 قېتىم كۆرۈلدى
04/08/2025 18:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق