خىتاي بوسنىيەدە قازا قىلغان ئۇيغۇرنىڭ دەپنە ئىشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا

ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن، كېيىن چەت ئەلگە چىقىپ بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بەرگەن ئەھمەتجان ئەھەت ئىسىملىك ئۇيغۇرنىڭ بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادىكى گۇمانلىق ئۆلۈمىدىن كېيىن، مېيىتى ئىككى ئايدىن بۇيان جەسەت ساقلاش ئۆيىدە ساقلىنىپ تۇرماقتا.

خىتاينىڭ دەپنە ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تەھدىت ئەندىشىسىنى قايتىدىن كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى ئەھمەتجان ئەھەتنىڭ ئۆلۈمىگە مۇناسىۋەتلىك ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا بەش خىل تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ يىل 30-ماي بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ پايتەختى سارايېۋودا تۇيۇقسىز قازا قىلغان ئەھمەتجان ئەھەتنىڭ ئۆلۈمى ۋە ئارقىدىن جەسىتىنىڭ ئىككى ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان جەسەت ساقلاش ئۆيىدە ساقلىتىلىشى ھەم مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، ھەم ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك ئەندىشىسىنى قوزغىدى. 2016-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىدا مۇئەللىم ۋە كۆزەتچى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى مەلۇم بولغان ئەھمەتجان ئەھەت كېيىن چەت ئەلگە چىقىپ گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى پاش قىلغانىدى.

2023-يىلى تۈركىيەگە پاناھلىق تىلەپ كېلىپ ياۋروپاغا كېتىشكە ئۇرۇنغان 42 ياشلىق ئەھمەتجان ئەھەت 2025-يىلى 30-مايدا سارايېۋو ئۇنىۋېرسىتېتى كىلىنىكىلىق داۋالاش مەركىزىدە قازا قىلغان. دوختۇرخانىنىڭ خاتىرىسىدە ئۆلۈش سەۋەبى «كېسەللىك» دەپ يېزىلغان. خىتاينىڭ سارايېۋودىكى باش ئەلچىخانىسى بولسا «ئەھمەدجان» ئىسىملىك پۇقراسىنىڭ كېسەللىك سەۋەبىدىن قازا قىلغانلىقىنى، ئائىلىسىگىمۇ ئۇقتۇرۇش قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق مېيىت ئىككى ئايدىن بۇيان جەسەت ساقلاش ئۆيىدىن چىقمىغان بولۇپ، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ دېيىشىچە، خىتاي رېجىمى دەپنە ئىشلىرىنى قەستەن كېچىكتۈرگەن ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مېيىتنى ئىسلامىي قائىدە بويىچە دەپنە قىلىشىغا يول قويمىغان.

شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى (ETHR) ئەھمەتجان ئەھەتنىڭ ئۆلۈمىگە دائىر ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا بۇ ۋەقەنىڭ پەقەت شەخسىي بىر يوقىتىش ئەمەسلىكىنى، بەلكى خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ئۇسۇللىرىنىڭ نۆۋەتتە يېتىپ كەلگەن نۇقتىسىنى كۆرسىتىدىغان ئېچىنىشلىق بىر مىسال ئىكەنلىكى تەكىتلىدى. جەمئىيەت يەنە ئەھمەتجان ئەھەتنىڭ ياۋروپا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كۆپلىگەن زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلىشى ۋە چېخ پارلامېنتىدا سۇنغان گۇۋاھلىقىدىن كېيىن خىتاينىڭ نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سىرلىق ھالدا يۈز بەرگەنلىكىنى، جەسىتىنىڭ سارايېۋودىكى دوختۇرخانا جەسەت ساقلاش ئۆيىدە ئىككى ئايدىن بۇيان ساقلىتىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ETHR باياناتىدا يەنە خىتاينىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئۈن-تىنسىز تۇرغاندىن كېيىن تۇيۇقسىزلا مېيىتقا ئىگە بولۇشقا ئۇرۇنۇشى ۋە مۇستەقىل قانۇن دوختۇرىنىڭ تەكشۈرۈش تەلىپىگە يول قويماسلىقىنىڭ جىددىي ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، مېيىتنىڭ بېرىلمەسلىكىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا روھىي بېسىم پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا بۇنىڭ تىرىك گۇۋاھچىلارغا نىسبەتەن تەھدىت سېلىش خاراكتېرىدە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ETHR بۇنىڭغا يەنە بىر مىسال كەلتۈرۈپ، ئىستانبۇلدا ياشايدىغان ئۇيغۇر ياش يۈسۈپ ئەمەتنىڭ 2020-يىلى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئەسلەتتى ۋە بۇ ۋەقەلەرنىڭ خىتاي ئىستىخباراتىنىڭ چەت ئەلدىكى گۇۋاھچىلارغا قاراتقان تەھدىت ۋە باستۇرۇش ئەندىزىسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ئاشكارىلىۋەتكەن يۈسۈپجان ئەمەت 2020-يىلى 2-نويابىردا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، پالەچ بولۇپ قالغانىدى.

شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى ئوتتۇرىغا قويغان بەش ئاساسىي تەلەپ تۆۋەندىكىچە:

1.    ئوچۇق ۋە مۇستەقىل تەكشۈرۈش. ئەھمەتجان ئەھەتنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنىڭ ئېنىقلىنىشى ئۈچۈن بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا ئورگانلىرىغا خەلقئارا قوللايدىغان مۇستەقىل تەكشۈرۈش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

2.    مېيىت ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش. جەسەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ ساقلىتىلماي، ئىسلامىي قائىدىگە ماس شەكىلدە دەپنە قىلىنىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

3.    خەلقئارالىق ھېسداشلىق. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ بۇ ۋەقەگە پەرۋاسىز قارىماسلىقى، خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرىغا قارشى ئوچۇق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى تەلەپ قىلىندى.

4.    بېسىم تاكتىكىلىرىغا قارشى ئورتاق پوزىتسىيە. جاسۇسلۇق، ئوغرىلاش، قورقۇتۇش ۋە بىيۇروكراتىك توسالغۇ قاتارلىق ئۇسۇللارغا قارشى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشى كېرەكلىكى ئىپادىلەندى.

5.   مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قوغدىلىشى. ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ تەمىنلىنىشى ئۈچۈن دىپلوماتىك ۋە قانۇنىي چارىلەرنىڭ كۈچەيتىلىشى تەلەپ قىلىندى.

باياناتنىڭ ئاخىرىدا بۇ جەرياننىڭ پەقەت ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىلا ئەمەس، ئىنسان ھەقلىرىنى ھۆرمەت قىلىدىغان بارلىق قاتلاملارنىڭ ئورتاق سىنىقى ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ: «ئەھمەتجان ئەھەتنىڭ گۇمانلىق ئۆلۈمى ۋە مېيىت كىرىزىسى دۇنيانىڭ بىر ۋىجدان سىنىقى. ئۇنىڭ باستۇرۇلغان ئاۋازى ھازىر دەپنە قىلىنىشنى كۈتۈۋاتقان بەدىنى ئارقىلىق سۆزلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ چاقىرىققا قۇلاق سېلىش ۋە ھەرىكەتكە كېلىش ئىنسانىي ھوقۇقلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان بارلىق تەرەپلەر ئۈچۈن ئورتاق بىر مەسئۇلىيەت ھېسابلىنىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 186 قېتىم كۆرۈلدى
05/08/2025 15:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق