خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى

 

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى 2-ئاۋغۇست ئىستانبۇلدا ئومۇمىي سايلام يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەئىس ۋە ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرىنى سايلاپ چىقتى.

ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىنغا بىرلىككە ئەزا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئەزالىرى بولۇپ 50 كىشى قاتناشقان بولۇپ، قۇرئان تىلاۋىتىدىن كېيىن بىرلىكنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي بىرلىكنىڭ خىزمەت، پائالىيەتلىرىدىن دوكلات بەردى. كېيىن ۋەكىللەرنىڭ تەستىقلىشى بىلەن سايلام كومىتېتى قۇرۇلدى.

سايلام كومىتېتى سايلام قائىدىلىرىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بىرلىكنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرى سايلىمى باشلىنىپ، بېلەت تاشلاندى. سايلامدا نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي باشچىلىقىدىكى توققۇز كىشىدىن تەركىب تاپقان ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرى گۇرۇپپىسى كۆپ سانلىق ئاۋازغا ئېرىشىپ، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىدارە ھەيئەت ئەزالىقىغا سايلاندى.

سايلام كومىتېتى ئېلان قىلغان سايلام نەتىجىسىگە ئاساسەن، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ سابىق مۇۋەققەت رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي رەسمىي رەئىس بولۇپ سايلاندى. مۇئاۋىن رەئىسلىككە ئوبۇلقاسىم زەرەپشان ۋە مۇساجان ئەر سايلاندى. بىرلىكنىڭ باش كاتىپلىققا زىكرۇللاھ ئالىم، مالىيە مەسئۇللۇقىغا نىزامىدىن تەمكىنىي، ئاياللار ۋە ئائىلە ئىشلىرى مەسئۇللۇقىغا مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم سايلاندى. شىۋېتسىيەدىن كېلىپ يىغىنغا قاتناشقان ئىبراھىم يۈسۈپ بىرلىكنىڭ ياۋروپا ۋەكىللىكىگە سايلاندى. ئابدۇسالام تەكلىماكان ۋە مەردان ئۇيغۇر ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ سايلاندى.

بىرلىكنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، سايلام نەتىجىسىگە بىنائەن، يېڭىدىن سايلانغان رەئىس نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي ۋە باشقا ئىدارە ھەيئىتى ئەزالىرى 2025-يىلى 4-ئاۋغۇستتىن باشلاپ خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە رەسمىي تۈردە ۋەكىللىك قىلىپ ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن ۋە قانۇنلۇق مەسئۇللىرى دەپ قارىلىدىكەن.

 

بۇ خەۋەر 175 قېتىم كۆرۈلدى
05/08/2025 15:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق