يېڭى ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتتا خىتاي رېجىمىنىڭ ئەنگلىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇيدىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلاردىن ساۋاقداشلىرىنى كۆزىتىشنى، ئوقۇتقۇچىلاردىن خىتاي رېجىمىغا ئالاقىدار سەزگۈر تېمىلار ھەققىدىكى سۆز قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغانلىقى پاش قىلىندى.
BBC نىڭ 4-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئەنگلىيە ئەقىل ئامبىرى «ئەنگلىيە-خىتاي ئوچۇق-ئاشكارىلىقى» مەخسۇس تەكشۈرۈش ئارقىلىق، خىتاي رېجىمىنىڭ خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنى دەرسخانىدا سەزگۈر مەسىلىلەرنى مۇنازىرە قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.
مەزكۇر دوكلات ئالدىنقى ھەپتە ئەنگلىيەدە يېڭى بىر قانۇن كۈچكە ئىگە بولغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن بولۇپ، مەزكۇر قانۇندا ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى بولغان ئەھۋالدىمۇ، ئىلىم ئەركىنلىكى ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى قوغدىشى تەلەپ قىلىنغان ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلار بۇ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان تەقدىردە، نەچچە مىليون فوندستېرلىڭلىق جەرىمانىگە دۇچ كېلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
دوكلاتتا ئەنگلىيەدىكى بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلىغا زىيادە تايىنىپ قالغانلىقى، بۇ سەۋەبلىك خىتاي رېجىمىنىڭ ئارىلىشىش قىلمىشىغا يۈزلىنىشنى خالىمىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
دوكلاتتا يەنە ئەنگلىيەدە بىر قىسىم سەزگۈر تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بەزى خىتاي تەتقىقاتچىلارنىڭ خىتاي رېجىمىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلگەنلىكى، جۈملىدىن خىتاي ئەمەلدارلىرى، خىتايدىن كەلگەن زىيارەتچى تەتقىقاتچىلار ۋە شۇنداقلا كۇڭزى ئىنستىتۇتى خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۇلارغا تەھدىت سالغانلىقى بايان قىلىنغان.
خىتايدىكى لوندوندىكى باش ئەلچىخانىسى بولسا دوكلاتتىكى مەزمۇنلارنى ئىنكار قىلىپ، بۇنىڭ «ئاساسسىز ۋە بىمەنە» ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ ئەنگلىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى سۆز ئەركىنلىكىنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.