Kmart نىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغانلىقى ھەققىدە ئەرز سۇنۇلدى

 

ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېللاندىيەدە 300 دىن ئارتۇق زەنجىرسىمان ماگىزىنى بولغان پارچە سېتىش شىركىتى Kmart نىڭ ئۈستىدىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىش ھەققىدە ئەرز سۇنۇلدى.

ئاۋسترالىيە ABC رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تەڭرىتاغ ئاياللار جەمئىيىتى پارچە سېتىش شىركىتى Kmart ئۈستىدىن فېدېراتىپ سوتقا ئەرز سۇنغان بولۇپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولغان زاۋۇت-كارخانىلاردىن مەھسۇلات سېتىۋالغانلىقى ئەيىبلەنگەن ۋە تەمىنلەش زەنجىرىگە ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى تەمىنلىشى تەلەپ قىلىنغان.

ئەيىبنامىدە Kmart نىڭ تەمىنلىگۈچى شىركەتلىرى ئارىسىدا كەم دېگەندە ئىككى شىركەتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى، مەزكۇر شىركەتلەرنىڭ نوپۇزلۇق دوكلاتلار ئارقىلىق پاش قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان.

Kmart شىركىتى بولسا بۇ ئەيىبلەشنى ئىنكار قىلغان بولۇپ، شىركەتنىڭ باياناتچىسى ئەيىبلىگۈچى تەرەپنىڭ ئادۋوكاتى بىلەن 12 ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان شىركەتنىڭ «ئەخلاقىي سېتىۋېلىش» پىلانىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تەمىنلىگەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

گەرچە ئاۋسترالىيەنىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولغان ئامېرىكا بىر نەچچە يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلارنى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ئىمپورتىنى چەكلەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئاۋسترالىيەدە بۇنداق بىر چەكلىمە يولغا قويۇلمىغان. بۇ سەۋەبلىك شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى داۋاملىق ئاۋسترالىيەگە نورمال تەرىقىدە ئېقىپ كىرمەكتە.

 

بۇ خەۋەر 457 قېتىم كۆرۈلدى
06/08/2025 15:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق