خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە قاراتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى كۈچەيتىپ ئىجرا قىلىپلا قالماي، تارىختىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ھىيلىسى بويىچە ئۆسمۈرلەرنى ساختا تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئىشلەتمەكتە.
خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى بۇ ھەپتە شەرقىي تۈركىستاندىن ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 دىن ئارتۇق ئۆسمۈرنىڭ يازلىق لاگېر پائالىيىتىگە تاللىنىپ، بېيجىڭغا ئاپىرىلغانلىقىنى، بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ تيەنئەنمېن مەيدانى، سەددىچىن سېپىلى قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلغانلىقىنى مەخسۇس خەۋەر قىلغان.
خەۋەردە خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسىدىكى ئون ياشلىق بىر ئۇيغۇر قىز نۇقتىلىق تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ باشقا ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆرگىلى بارغانلىقى، بۇ ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى ئارزۇسى ئىكەنلىكى، بايراق چىقىرىلغاندا كۆز يېشىنى تۇتۇۋالالمىغانلىقىدەك بايانلار ئورۇن ئالغان.
خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىدىن يەنە مەخسۇس خەۋەر ئىشلەپ، مەزكۇر ئۇيغۇر قىزنىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدا ياش تۆككەن كۆرۈنۈشىنىڭ خىتاي تور دۇنياسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغانلىقىنى، خىتايلارنىڭ بۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى ئالاھىدە تەشۋىق قىلغان.
ھالبۇكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە قاراتقان ئاسسىمىلياتسىيە، مېڭە يۇيۇش جىنايىتى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان كۆپلىگەن نوپۇزلۇق دوكلاتلاردا پاش قىلىنىپ كەلمەكتە. جۈملىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىپ، تۈرلۈك ناملاردا ئاتالغان بالىلار لاگېرلىرىغا قاماش، دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتى، تىل-يېزىقىنى، ئەنئەنىسىنى پۈتۈنلەي چەكلەپ، خىتاي تىل-يېزىقى، مەدەنىيىتىنى زورلاپ تېڭىپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قاتارلىق جىنايەتلىرى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىمۇ 2020-يىلى دېكابىردىكى بىر خەۋىرىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا 500 مىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرنى ئائىلىسىدىن ئايرىۋەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ناملار بىلەن پەردازلانغان بالىلار لاگېرىغا يىغىۋېلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى. بۇلاردىن سىرت، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بىر قىسىم سىنلارمۇ بۇ جىنايەتلەرنى دەلىللىمەكتە.