خىتايدا چىكۇنگۇنيا ۋىرۇسى يامرىشىغا ئەگىشىپ دۆلەتلەر تەدبىر قوللىنىشقا باشلىدى

خىتايدا پاشا ئارقىلىق تارقىلىۋاتقان چىكۇنگۇنيا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان يەتتە مىڭدىن ئارتۇق يۇقۇملانغۇچى دوكلات قىلىنغان بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بۇ ھەقتە تەدبىر قوللىنىشقا باشلىماقتا.

خىتايدا يۈز بەرگەن ۋە ئۈزلۈكسىز يامراۋاتقان چىكۇنگۇنيا ۋىرۇسى يۇقۇمى خىتاي رېجىمىنى پاشىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن پاشىلىق تاقاش، دېزىنفېكسىيە دورىلىرىنى چېچىش، يىغىلىپ قالغان سۇلارنى تازىلىمىغانلارغا ئېغىر جەرىمانە قويۇش، ھەتتا ھاشاراتلارنىڭ كۆپىيىش ئېھتىمالى بولغان رايونلارنى بايقاش ئۈچۈن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇرلىدى.

چارشەنبە كۈنىگىچە دوكلات قىلىنغان يۇقۇم سانى يەتتە مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، يۇقۇملانغانلارنىڭ كۆپىنچىسى خوڭكوڭغا يېقىن ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى بولغان فوشەنگە مەركەزلەشكەن.

پاشىلار ئارقىلىق يۇقىدىغان چىكۇنگۇنيا ۋىرۇسى قىزىتما ۋە بوغۇم ئاغرىقىغا سەۋەب بولىدىغان بولۇپ ياشلار، قېرىلار ۋە ئىلگىرى ساغلاملىق مەسىلىسى بولغانلار ئەڭ يۇقىرى خەتەر گۇرۇپپىسىنى تەشكىل قىلىدىكەن.

خىتاي مەزكىرىي تېلېۋىزىيە قانىلى مەخسۇس خادىملارنىڭ شەھەر كوچىلىرىغا، تۇرالغۇ رايونلىرىغا، قۇرۇلۇش ساھەلىرىگە ۋە كىشىلەرنىڭ تۇرغۇن سۇدا كۆپەيگەن ۋىرۇس توشۇغۇچى پاشىلار بىلەن ئۇچرىشىش ئېھتىمالى بولغان باشقا رايونلارغا دېزىنفېكسىيە دورىلىرى پۈركۈۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

شۇنداقلا چىكۇنگۇنيا ۋىرۇسىغا قارشى ھەرىكەتتە خىتاي ۋىرۇسى دەۋردىكى قاتتىق تەدبىرلەر قايتا كۈنتەرتىپكە كەلگەن بولۇپ، ئىشچىلارنىڭ بەزى رايونلاردا ئىدارە بىنالىرىغا كىرىشتىن بۇرۇن دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى پۈركۈشى تەلەپ قىلىنغان. ئىشىك ئالدى ۋە بالكونلاردىكى شىشە، گۈل تەشتىكى قاتارلىقنى قۇرۇقدىمىغان كىشىلەرگە 10 مىڭ يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇلىدىغان بولۇپ، ھەتتا توكى ئۈزۈۋېتىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكا بولسا پۇقرالىرىنى خىتاينىڭ دوڭگۇەن ۋە باشقا سانائەت مەركەزلىرى بولغان گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىگە، شۇنداقلا بولىۋىيا ۋە ھىندى ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلىرى قاتارلىق باشقا خەتەرلىك رايونلارغا ساياھەت قىلماسلىق توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. بىرازىلىيەمۇ ۋىرۇس كۆرۈلگەن دۆلەتلەر قاتارىدا بولۇپ، بۇ يىل فىرانسىيە ۋە ئىتالىيەدىمۇ يۇقۇملانغانلار دوكلات قىلىندى.

ئادەتتە تىروپىك بەلباغ رايونلاردا كەڭ تارالغان ۋىرۇس بۇ يىل ئالاھىدە كۈچلۈك تەرىقىدە ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، كۈچلۈك يامغۇر ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرا خىتايدىكى كىرىزىسنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. نۆۋەتتە خىتاي ۋىرۇسقا قارشى تەدبىرلەر ھەققىدە ھەرخىل يىغىنلار ئۆتكۈزۈمەكتىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 170 قېتىم كۆرۈلدى
07/08/2025 19:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق