ئامېرىكا خىتايغا ئۆزەك توشۇغان ئىككى خىتاينى قولغا ئالدى

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە ئىشلىتىلىدىغان، نەچچە مىليون دوللار قىممىتىدىكى سېزىمچان مىكرو ئۆزەكلەرنى قانۇنسىز ھالدا خىتايغا ئېكىسپورت قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىككى خىتاي پۇقراسىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە جاۋابكارلار ئۈستىدىن دەۋا ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىقتىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، گېڭ چۈەن ۋە شىۋېي ياڭ ئىسىملىك ئىككى خىتاينىڭ 2022-يىلى ئۆكتەبىردىن 2025-يىلى ئىيۇلغىچە ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماستىن مىليونلىغان دوللارلىق ئۆزەكنى خىتايغا ئەۋەتىش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا جاۋابكارلارنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىلغار كومپيۇتېر ئۆزەكلىرىگە قارىتىلغان خىتايغا كەڭ كۆلەملىك ئىكسپورت چەكلىمىسىنى يولغا قويۇپ قىسقا ۋاقىتتىن كېيىن بىر شىركەت قۇرغانلىقى ۋە مال يوللاشنى مۇشۇ شىركەت ئارقىلىق قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا شىركەتنىڭ ئۈچ يىللىق مۇددەت ئىچىدە ئۆزەكلەرنى 20 قېتىمدىن ئارتۇق يوللاش ئارقىلىق مالايشىيا ۋە سىنگاپوردىكى ئارقا تەمىنات شىركەتلىرىگە ئەۋەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ ئۆزەكلەرنىڭ كېيىن خىتايغا يەتكۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە جاۋابكارلارنىڭ قانۇنسىز ھالدا خىتايغا يوللىغان ئۆزەكلەر ئارىسىدا ئامېرىكىنىڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچىسى Nvidia نىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېللىرىنى مەشىقلەندۈرۈشتە ئىشلىتىلىدىغان ۋە بۇ مودېللارغا بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە سانلىق مەلۇمات ساقلاش ئىقتىدارىنى تەمىنلەيدىغان ئىلغار تېخنىكىلىق H100 تىپلىق ئۆزەكنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى ۋە جاۋابكارلارنىڭ مەزكۇر ئۆزەكلەرنى يوللاشتا «فېدېراتىپ قانۇن ۋە قائىدىلەرگە ئۇيغۇن مەھسۇلات» سۈپىتىدە يالغان مەلۇمات چاپلاپ، نازارەتتىن قېچىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا قولغا ئېلىنغان جاۋابكارلار ھەققىدە دەۋا ئېچىلغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ تەخمىنەن 20 يىلغا يېتىدىغان قاماق جازاسى بېرىلىشى مۆلچەرلەنگەن «ئېكسپورت نازارىتى ئىسلاھات قانۇنى»غا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇندىن ئىلگىرى Nvidia نىڭ A100، A800، H100  ۋە H800 تىپلىق ئۆزەكلىرىنىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىشىغا چەكلىمە قويغانىدى.Nvidia شىركىتى بولسا چەكلىمە سەۋەبىدىن خىتايغا ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىلغان تېخىمۇ تۆۋەن نۇسخىدىكىH20  دەپ ئاتالغان گىرافىك بىر تەرەپ قىلغۇچنى ئىشلەپچىقىرىپ، 2024-يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ سېتىشقا باشلىغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 157 قېتىم كۆرۈلدى
07/08/2025 20:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق