شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار باشلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىل-يېزىقىنى چەكلەپ كەلگەن خىتاي ئۆز تىل-يېزىقىنى مەجبۇرىي تېڭىش سىياسىتىنى قىلچە بوشاتماي ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەپتە شەرقىي تۈركىستاندا يەنە خىتاي تىل-يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئالاقىدار چوڭ كۆلەملىك پائالىيەت ئۆتكۈزدى.
خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاۋغۇست خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، خىتاي تىل-يېزىق كومىتېتى ۋە خىتاي مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، قەشقەردە ئاتالمىش «ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى»دىكى ئائىلىلەرنىڭ خىتاي تىل-يېزىقى ئۆگىنىش-ئىشلىتىشىنى كۆرسىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.
پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، ئىچكى موڭغۇلىيە ۋە خىتاينىڭ بىر قىسىم ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن 17 مىللەتتىن بولغان 20 دىن ئارتۇق تاللانغان ئائىلە سەھنىگە چىقىپ، خىتايچە ناخشا-ئۇسسۇل، دېكلاماتسىيە، بايان قاتارلىق نومۇرلارنى ئورۇندىغان.
دىققەت تارتىدىغان نۇقتا بولسا، مەزكۇر پائالىيەت ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئەمەس، بەلكى نورمال ئائىلىلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، خىتاي تىل-يېزىقىنى مەجبۇرىي تېڭىش جىنايىتىنىڭ داۋاملىق كۈچەيتىلىۋاتقانلىقىنى ۋە پۈتۈن خەلقنىڭ نىشانلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
خەۋەردىكى بايانلارمۇ بۇ نۇقتىغا ئېنىق ئىشارەت قىلىدىغان بولۇپ، ئالاقىدار خەۋەردە شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، ئىچكى موڭغۇلىيە قاتارلىق ھەرقايسى جايلاردىكى ئاياللار بىرلەشمىلىرىگە ئوخشاش ئورگانلارنىڭ تۈرلۈك پائالىيەت، مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي تىل-يېزىقىنى ھەر بىر ئائىلىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغىچە كىرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاي رېجىمى 2021-يىلى نويابىر ئېيىدا ئېلان قىلغان بىر ھۆججىتىدە خىتاي تىل-يېزىقى ئىشلىتىلىشىنىڭ تەڭپۇڭسىز ۋە نامۇۋاپىق ئىكەنلىكى، شۇڭا 2025-يىلغىچە خىتاي ئورتاق تىل-يېزىقىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنى %85 كە يەتكۈزۈپ، تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەنىدى. بۇ باستۇرۇش سىياسىتىدە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، ئىچكى موڭغۇلىيە تەبىئىيلا ئاساسلىق نىشانغا ئايلانغان.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدە ئانا تىلنى چەكلەش جىنايىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، مەكتەپلەردە پۈتۈنلەي خىتايچە دەرس ئۆتۈلگەنلىكى ۋە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئانا تىلىدا سۆزلىشىشى چەكلەنگەنلىكى سەۋەبلىك، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆز تىلىدا سۆزلىيەلمەيدىغان، چۈشىنەلمەيدىغان ھالغا كېلىپ قېلىۋاتقانلىقى شاھىتلار، تارقىلىۋاتقان بىر قىسىم قىسقا سىنلار ئارقىلىق ئىسپاتلىنىپ كەلمەكتە.