شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر ساياھەت نۇقتىسىدا كۆۋرۈك ئۆرۈلۈپ، بەش كىشى ئۆلدى

 

6-ئاۋغۇست شەرقىي تۈركىستاننىڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىگە جايلاشقان بىر مەنزىرە رايونىدىكى ئاسما كۆۋرۈكنىڭ بىر ئارغامچىسى ئۈزۈلۈپ كېتىپ، كۆۋرۈك يۈزى قىيسىيىپ قېلىپ، كۆۋرۈكتىن 29 كىشى چۈشۈپ كەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە بەش كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، قالغانلار ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلانغان.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋەقە كۆرسىتىلگەن بىر قىسىم سىنلار تارقالغان بولۇپ، كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدا ئۇچلۇق تاشلار كۆپ بولغاندىن سىرت، سۇ كۈچلۈك ئېقىۋاتقان بولۇپ، بىر قىسىم كىشىلەرنى ئېقىتىپ كەتكەن. خىتاي خەۋەرلىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە مەنزىرە رايونى تاقالغان بولۇپ، ۋەقەنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتىكەن.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاش ۋە خىتاي ئاققۇنلىرىنى كۆپلەپ جەلپ قىلىش ئۈچۈن، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا غايەت زور مەبلەغ ئاجرىتىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ساياھەت رايونلىرىنى كۆپلەپ قۇرۇپ چىققان. مەلۇم بولۇشىچە، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى مەزكۇر ساياھەت ئورنىمۇ ساياھەتچىلەرگە رەسمىي ئېچىۋېتىلگىنىگە بىر يىلدىن ئاشقانىكەن.

 

بۇ خەۋەر 32 قېتىم كۆرۈلدى
08/08/2025 20:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق