ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان ئۆزەك ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەرگە تەخمىنەن %100 باج قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. يېڭى نىزامغا ئاساسەن ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىش ۋەدىسى بەرگەن شىركەتلەرلا مەزكۇر باجدىن خالاس قىلىنىدىغان بولۇپ، تىرامپ ئاقسارايدا سۆزلىگەن باياناتىدا تېخنىكا ساھەسىگە قارىتا ھالقىلىق بىر قەدەم باسقانلىقىنى ۋە ئىمپورت قىلىنغان بارلىق ئۆزەك ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەرگە تەخمىنەن %100 لىك باج قويۇش يۆنىلىشىدە قارار چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.
تىرامپ بۇ قەدەمنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ شىركەتلەرنى ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «ئامېرىكىغا كېلىۋاتقان بارلىق ئۆزەك ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەرگە %100 باج قويۇلىدۇ. ئەگەر ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىش ۋەدىڭىز بولسا ياكى ھازىر ئىشلەپچىقىرىۋاتقان بولسىڭىز، بۇ باجدىن خالاس بولىسىز» دېدى.
مەزكۇر قارار خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرىنى بىۋاسىتە نىشانلانغان بولۇپ، ئامېرىكا ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇش ۋە يەرلىك تەمىنات زەنجىرىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان. مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەرىكەتنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان سودا ئۇرۇشىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر