ئامېرىكىنىڭ سۇرىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ پىرېزىدېنتى ئەھمەد شەرئى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەنەس خەتتابنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇق تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىش ۋە ھەيئەتۇ تەھرىرۇششامغا قارىتىلغان خەلقئارالىق چەكلىمىلەرنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە جىددىي دىپلوماتىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
Al Monitor نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنۇلغان سۇرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد شەرئىگە قارىتىلغان جازانى بىكار قىلىش ۋە ھەيئەتۇ تەھرىرۇششام قوراللىق گۇرۇپپىسىغا يۈرگۈزۈلگەن چەكلىمىلەرنى يېنىكلىتىش يۆنىلىشىدىكى تەكلىپ لايىھەسىگە خىتاي قارشى چىقىشى مۇمكىن ئىكەن. خەۋەردە بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ سۇرىيە دۆلەت ئارمىيەسىدىكى ئۇيغۇر قوراللىق قوشۇنى ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەپ كېلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنى خىتاي ئۈچۈن تەھدىت دەپ قارايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئەگەر ئەھمەد شەرئى ب د ت ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلسا، بۇ 1967-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم بىر سۇرىيە دۆلەت باشلىقىنىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتتا سۆز قىلىشى ھېسابلىدىكەن. ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ جازا تىزىملىكىدىن چىقىرىلىدىغان-چىقىرىلمايدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، ئىسمى تىزىملىكتە قالسا، ئۇنىڭ سەپەر قىلالىشى ئۈچۈن ئالاھىدە بىر ئىستىسنا بېرىلىشى كۈتۈلمەكتە.
ئامېرىكىنىڭ سۇرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ۋە ئەنقەرە باش ئەلچىسى توم باراك ب د ت نىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتتە ھ ت ش نى ۋە ئۇنىڭ رەھبىرى ئەھمەد شەرئىنى قارا تىزىملىكتىن چىقىرىشقا تەييار ئەمەسلىكىنى، ئەمما شەرئىنىڭ سېنتەبىر ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىشى ئۈچۈن ئالاھىدە بىر رۇخسەت بېرىلىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تىرامپ ھۆكۈمىتى يېقىندا ھ ت ش نى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «چەت ئەل تېررورلۇق تەشكىلاتى» تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر