بۇ يىل فېۋرال ئېيىدا تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 40 ئۇيغۇرنى مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرۇشى خىتاينىڭ تايلاندتىكى كۈچىيىۋاتقان تەسىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولۇپ، ئالدىنقى كۈنلەردە تايلاند پايتەختى باڭكوكتا ئۆتكۈزۈلگەن بىر سەنئەت كۆرگەزمىسىدە تايلاند ھۆكۈمىتى خىتايغا يەنە بىر قېتىم باش ئەگدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 8-ئاۋغۇست بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان مەخسۇس خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئالدىنقى ھەپتىلەردە باڭكوك سەنئەت-مەدەنىيەت مەركىزىدە دىكتاتور ھۆكۈمەتلەرنى پاش قىلىش باش تېما قىلىنغان بىر خەلقئارالىق سەنئەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەن. 24-ئىيۇل باشلانغان مەزكۇر كۆرگەزمىدە شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ باستۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار سەنئەت ئەسەرلىرىمۇ ئورۇن ئالغان. ئەمما خىتاينىڭ ئەلچىخانا خادىملىرى ئۈچ كۈندىن كېيىن كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلىپ، خىتايغا قارشى مەزمۇنلار بارلىقىنى بايقىغان ۋە بۇ مەسىلىنىڭ خىتاي-تايلاند دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سېلىپ، كۆرگەزمىنى تاقاشنى تەلەپ قىلغان.
خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا كۆرگەزمىدىن ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا ئالاقىدار سەنئەت ئەسەرلىرى ئېلىۋېتىلگەن ياكى ئۇيغۇر، تىبەت سەنئەتكارلارنىڭ ئىسىملىرى ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، كۆرگەزمىدە يەنە شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتنىڭ بايرىقى، شى جىنپىڭنىڭ باش سۈرىتى، خىتاي-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كارتوچكىلار بار ئىكەن.
دىكتاتور ھاكىمىيەتلەر باش تېما قىلىنغان مەزكۇر كۆرگەزمىنىڭ ئەڭ چوڭ دىكتاتور ھېسابلىنىدىغان خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىشى، باستۇرۇلۇشى قارا يۇمۇر تۈسىنى ئالغان بولۇپ، بۇ ۋەقەنىڭ چەت ئەلدىكى سەنئەتكارلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە نىسبەتەن ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقى تەكىتلەنمەكتە.