خىتاي ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسىنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىش پىلانىغا قارشى چىقىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «بىر خىتاي» پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىشى ۋە تەيۋەن بىلەن رەسمىي ئالاقىلەرنى ئۈزۈشى كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالدى.
خىتاي ئامېرىكا پارلامېنتى قوراللىق كۈچلەر كومىتېتى رەئىسى روگېر ۋىكېرنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئىنكاس قايتۇردى.
خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جياڭ بىن ئامېرىكىنىڭ بىر خىتاي پىرىنسىپىغا ۋە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئىمزالانغان خىتاي-ئامېرىكا ئۈچ بىرلەشمە ئەھدىنامىسىگە ئەمەل قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
جياڭ بىن بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە چىققان پارلامېنت ئەزاسى ۋىكېرنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا تەيۋەننى زىيارەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە مۇناسىۋەتلىك سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن بىلەن ھەر خىل رەسمىي ئالاقە قىلىشىغا قارشى چىقىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ھەر دائىمقىدەك بىلەن: «دۇنيادا پەقەت بىرلا خىتاي بار، تەيۋەن خىتاي زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دەپ بىلجىرلىدى.
جياڭ بىن يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن تەيۋەن مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىنى قوللىماسلىق ۋەدىسىنى ئورۇنلاشنى تەلەپ قىلىپ، ئامېرىكىنى تەيۋەن بىلەن ھەر خىل رەسمىي ئالاقە ۋە ھەربىي باغلىنىشنى ئۈزۈشكە چاقىردى.
جياڭ يەنە ئىلگىرىكى تەھدىتلىرىنى تەكرارلاپ، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغداش ئۈچۈن، ھەر ۋاقىت يۇقىرى سەزگۈرلۈك ھالىتىگە ئۆتكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە قوشۇپ قويدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر