سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

 

تۈركىيەدە يىللاردىن بۇيان ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىنىڭ قارمىقىدىكى سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ 2025-2024-يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى 9-ئاۋغۇست ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمغا مەركەزنىڭ مەسئۇللىرى، ئوقۇتقۇچىلىرى، ھەرقايسى يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلار، بىر قىسىم تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، جامائەت ئەربابلىرى ۋە ئاتا-ئانىلار قاتناشتى. قۇرئان تىلاۋىتى ۋە ئىستىقلال مارشلىرى بىلەن باشلانغان مۇراسىمدا ئالدى بىلەن سۇتۇق بۇغراخان ۋەقفىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز مۇھەممەد ئۆمەر قارىھاجىم ئېچىلىش سۆز قىلدى. ئارقىدىن سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئادىلجان سۆز قىلىپ، مەركەزنىڭ ئالدىنقى بىر يىللىق خىزمەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە دوكلات بەردى.

مۇراسىمغا ھەرقايسى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى تۈرلۈك نومۇرلارنى تەييارلاپ كەلگەن بولۇپ، ۋەتەن، مىللەت، ئىلىم، ئەخلاق كۈيلەنگەن شېئىر، ناخشىلار ئورۇندالدى. ئارىلىقتا يەنە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا ۋە جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، مۇھاجىرەتتە مائارىپ، تەلىم-تەربىيە خىزمەتلىرىنىڭ قانچىلىك زۆرۈر ئىكەنلىكى ھەققىدە سىياسىي، ئىجتىمائىي، دىنىي نۇقتىدىن تەپسىلىي توختالدى.

ئوقۇغۇچىلارنىڭ نومۇرلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تۈركىيە LGS ئىمتىھانىدا يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشكەنلەر، قۇرئاننى تاماملاپ قارىي بولغانلار، مەركەزنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرى ۋە مۇسابىقىلىرىدە نەتىجىگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار مۇكاپاتلاندى. ئاخىرىدا سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بىر يىللىق جاپالىق خىزمەتلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، ئۇلارغا ھەدىيە تەقدىم قىلىندى.

 

بۇ خەۋەر 80 قېتىم كۆرۈلدى
11/08/2025 16:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق