امېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ ئامېرىكىنىڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى شىركىتى Intel نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىنى خىتاي بىلەن نامۇۋاپىق مۇناسىۋەت ئورنىتىش بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنى ئىستېپا بېرىشكە چاقىردى.
BBC نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، تىرامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا يوللىغان ئۇچۇرىدا Intel شىركىتى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى چېن لىۋۇنىڭ خىتاي ھەربىي ئورگانلىرىغا چېتىشلىق شىركەتلەرگە مەبلەغ سالغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان. ئادەتتە ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ بىر شىركەت ئەمەلدارىنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىشى ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال ئىكەن.
تىرامپ يازمىسىدا: « Intel باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىنىڭ زور دەرىجىدە مەنپەئەت توقۇنۇشى بار، چوقۇم دەرھال ئىستېپا بېرىشى كېرەك. بۇ مەسىلىنىڭ باشقا ھەل قىلىش چارىسى يوق» دەپ تەكىتلىگەن. تىرامپنىڭ بۇ تەنقىدىدىن كېيىن، Intel شىركىتىنىڭ پاي چېكى %3 كە يېقىن چۈشۈپ كەتكەن.
خىتاي مىللىتىدىن بولغان چېن لىۋۇ بۇ يىل 3-ئايدا Intel شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئامېرىكىنىڭ مۇھىم ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى شىركىتى بولغان Intel يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رىقابەتتە بارا-بارا ئارقىدا قېلىشقا باشلىغان. ئۆزەك ئۇرۇشىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بۇ ساھەدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەشكە كۈچەۋاتقان بولۇپ، Intel شىركىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نەچچە مىليارد دوللارلىق مەبلىغىگە ئېرىشكەن.
نۆۋەتتە سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى رىقابىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا ئىلغار ئۆزەك ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىگەن بولۇپ، بۇلاردىن سىرت، خىتاينىڭ ئۆزەكلىرىگە %100 لىك باج قويۇشقا ئوخشاش تەدبىرلەرنىمۇ يولغا قويماقتا.