خىتايدىكى توكلۇق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ ئېھتىياجدىن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە رىقابەتنىڭ قاتتىق كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، توكلۇق ئاپتوموبىل ساھەسى شاللاش باسقۇچىغا ئۆتۈۋاتقان بولۇپ، بۇ بازارنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان BYD شىركىتىنىڭ سېتىلىش مىقدارىمۇ تۆۋەنلەشكە باشلىغان.
فىرانسىيەنىڭ دۇنيا گېزىتى 11-ئاۋغۇست بۇ ھەقتە بىر ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى باھا ئۇرۇشى BYD نىڭ پايدا نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەن. ئېھتىياجدىن ئارتۇق مەھسۇلاتلىرىنى قولدىن چىقىرىش ئۈچۈن، BYD شىركىتى چەت ئەلدىكى بازىرىغا تېخىمۇ كۆپ تايىنىشقا مەجبۇر بولغان.
ئاۋغۇست ئېيىنىڭ باشلىرىدا BYD شىركىتىنىڭ خوڭكوڭ ئاكسىيە بازىرىدىكى پاي چېكى باھاسى 5-ئايغا سېلىشتۇرغاندا %30.2 چۈشۈپ كەتكەن، شېنجېن ئاكسىيە بازىرىدىكى پاي چېكى باھاسى بولسا %49 چۈشۈپ كەتكەن. بۇ يىل 7-ئايدا BYD ئاپتوموبىللىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئالدىنقى ئايدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %10 تۆۋەنلىگەن.
دۇنيا گېزىتىنىڭ ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا توكلۇق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ «شاللاش مۇسابىقىسى» ئاللىبۇرۇن باشلىنىپ بولغان بولۇپ، بىر قىسىم كىچىك تىپتىكى خىتاي شىركەتلىرى ئارقىمۇ ئارقا سەپتىن چۈشۈپ قالغان. ئەينى ۋاقىتتا خىتايدا سانى 300 گە يەتكەن توكلۇق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ ھازىر پەقەت يېرىمىلا قالغان.
ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتايدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر توكلۇق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ ئېھتىياجدىن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبچى بولۇپ، ئون نەچچە يىلدىن بۇيان خىتايدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنى زور مىقداردا تولۇقلىما پۇل، يەر ۋە ھەتتا زاۋۇت بىلەن تەمىنلىگەن. بۇ سىياسەتلەر تەبىئىيلا توكلۇق ئاپتوموبىل ساھەسىدە ئېشىنچا ئىشلەپچىقىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.