شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرلۈك بايلىقلىرى ئىشغالىيەت تارىخىدىن باشلاپ خىتاي تەرىپىدىن بىر مىنۇتمۇ توختىماي بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىپ كەلگەن بولۇپ، پەقەت تارىم نېفىتلىكىدىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىۋاتقان تەبىئىي گازلا خىتايدىكى نەچچە مىڭلىغان زاۋۇت-كارخانىنىڭ ۋە يېرىم مىليارد خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئېھتىياجىنى كاپالەتكە ئىگە قىلماقتىكەن.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى بولغان ئاتالمىش «شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيەسى»نىڭ 11-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تالان-تاراجنى پەردازلاش ئۈچۈن قوللىنىلىپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» نامىدا، شەرقىي تۈركىستاندىكى تارىم نېفىتلىكىدىن خىتايغا توشۇلغان تەبىئىي گاز مىقدارى ھازىرغا قەدەر جەمئىي 380 مىليارد كۇب مېتىردىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ بايلىق خىتايدىكى 15 ئۆلكە ۋە شەھەرلەردىكى 3000 دىن ئارتۇق زاۋۇت-كارخانا ۋە 500 مىليون خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلغان.
مەزكۇر خەۋەردە ئاتالمىش «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» پىلانى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان 21 يىلغا يېقىن ۋاقىت مابەينىدە، خىتاي رېجىمىنىڭ تارىم نېفىتلىكىدە 20 گە يېقىن چوڭقۇر ياكى يۇقىرى بېسىملىق قۇدۇقنى يېڭىدىن بۇرغىلاپ چىققانلىقى، بۇلار ئارقىلىق يىلىغا 32 مىليارد كۇب مېتىر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان زور گاز رايونىنى شەكىللەندۈرگەنلىكى، نۆۋەتتە تارىم نېفىتلىكىنىڭ خىتاينىڭ ئۈچ چوڭ ئاساسلىق گاز رايونىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى دەۋا قىلىنغان.
بۇلاردىن سىرت، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان تەبىئىي گازنىڭ خىتايغا يەتكۈزۈلۈشى خىتايدىكى مۇھىت بۇلغىنىشنى يېنىكلەتكەن بولۇپ، تارىم نېفىتلىكىدىن خىتايغا توشۇلغان 380 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئەمەلىيەتتە 500 مىليون توننا ئۆلچەملىك كۆمۈر كۆيدۈرگەنگە، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا 530 مىليون توننا كاربون تۆت ئوكسىدنى ئاز قويۇپ بەرگەنگە باراۋەر ئىكەن.
مەزكۇر غايەت زور تەبىئىي بايلىقنىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۇلاردىن ھېچقانداق مەنپەئەتلىنەلمايلا قالماستىن، ئەكسىچە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە.