خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى ساختا تەشۋىقاتىغا ماسلاشقان ئۇيغۇرلار غەزەپ-نەپرەت قوزغىدى

خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى ساختا تەشۋىقات ھەرىكەتلىرى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى ئالدىنقى ھەپتە فاتىھ رايونىدا ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان بىر پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، مەزكۇر ساختا تەشۋىقات يىغىلىشىغا بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشى مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ غەزەپ-نەپرىتىنى قوزغىدى.

ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق خىتاي باش كونسۇلخانىسىنىڭ ئورگان تور بېتىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر پائالىيەت 9-ئاۋغۇست ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىغا جايلاشقان ئەلى ئەمىرى ئەپەندى كۈلتۈر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەتكە ھەرقايسى مىللەتتىن بولۇپ 120 كىشىنىڭ قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

پائالىيەتتە خىتاينىڭ باش كونسۇلى ۋېي شياۋدۇڭ سۆز قىلىپ، كونسۇلخانىنىڭ ياشلار سالونى ئۆتكۈزۈش، ۋەتەنگە قايتىپ تۇغقان يوقلاشقا تەشكىللەش، بالىلار ئۈچۈن خىتاي تىلى كۇرسلىرى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

كونسۇلخانا تارقاتقان سۈرەت ۋە سىندا كۆرسىتىلىشىچە، پائالىيەتكە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلچە بوشاشتۇرۇلماي ئىجرا قىلىنىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ئۇلارنىڭ ئەركىن بىر دۆلەتتە ياشاۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن خىتاينىڭ بۇ ساختا تەشۋىقات جىنايىتىگە ماسلاشقانلىقى، خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى ۋە مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى قوزغىدى.

ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ ۋەقەگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، مەزكۇر ماڭقۇرتلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ قىلمىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ۋەتەنگە، مىللەتكە قىلىنغان خائىنلىق ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇلاردىن ساختا تەشۋىقات قورالى سۈپىتىدە پايدىلانغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

خىتاي يېقىنقى بىر-ئىككى يىل مابەينىدە تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، چەكلىك ساندىكى تاللانغان ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قايتىشىغا ياكى چەت ئەلگە چىقىشىغا رۇخسەت قىلىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى، ۋەزىيەتنىڭ ياخشىلانغانلىقىدەك ساختا كۆرۈنۈشنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا ئۇرۇنماقتا. خىتاي باش كونسۇلخانىسىنىڭ بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى مەخسۇس قىسقا سىن ئىشلەپ ئالاھىدە تەشۋىق قىلىشىمۇ بۇ نۇقتىنى يورۇتۇپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 58 قېتىم كۆرۈلدى
13/08/2025 14:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق