خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردا بىر قىسىم تەتقىقات ئورگانلىرىنى يېڭىدىن تەسىس قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەپتە ئاتالمىش «ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسى»دە شەرقىي تۈركىستاننى كونترول قىلىشقا ئالاقىدار يېڭى بىر تەتقىقات مەركىزى قۇرۇلغان.
خىتاي خەۋەر تورىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 11-ئاۋغۇست ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بەشىنچى دىۋىزىيەسى»گە قاراشلىق شۇاڭخې شەھىرى بىلەن ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى» ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان ۋە ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى بەشىنچى دىۋىزىيە چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش ئىنستىتۇتى»نىڭ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن.
خەۋەردە بۇ قېتىمقى ھەمكارلىقنىڭ مەقسىتىنىڭ چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تارىخىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، چېگرا رايون مۇقىملىقىغا يېڭى قوزغاتقۇچ كۈچ قوشۇش ئىكەنلىكى دەۋا قىلىنغان.
خىتاي ئەمەلدارلىرى يىغىندا تاڭ سۇلالىسىدىكى ئاتالمىش «شۇاڭخې قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى»دىن بۈگۈنكى شۇاڭخې شەھىرىگىچە بولغان تەجرىبىلەرنى سىستېمىلىق رەتلەپ، ھازىرقى دەۋردىكى چېگرا رايون باشقۇرۇشىغا خىزمەت قىلدۇرۇش كېرەكلىكى ھەققىدە جار سېلىپ، بۇ تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئىشغالىيەت تارىخىنى بۇرمىلاش، نۆۋەتتىكى ئىشغالىيىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن.
خىتاي بۇ يىل ئاپرېل ئېيىدىمۇ شەرقىي تۈركىستاندا ئوخشاش تۈردىكى بىر تەتقىقات مەركىزى قۇرغان بولۇپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ ساقچى ئىنستىتۇتى» تەربىيەلەش مەركىزىدە خىتاي سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق ئاتالمىش «شىنجاڭنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ئىنستىتۇتى» رەسمىي تەسىس قىلغانىدى.
يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان بۇ خىل تەتقىقات ئورگانلىرى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۈچەيتىش جىنايەتلىرىنى تەتقىقات كۈچى ۋە نەزەرىيەۋى ئاساس بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا.