خىتاي ئىشغالىيەت تارىخىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئۆزىگە سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلغان قورچاق ئەمەلدارلارغىمۇ رەھىم قىلماستىن، تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن كۆزدىن يوقىتىپ كەلگەن بولۇپ، يېقىندا يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدار ئەنۋەر ئابلانىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
خىتاي خەلق تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى ئەنۋەر ئابلانىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقى، نۆۋەتتە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى» تەرىپىدىن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەردىن چىققان قورچاق ئەمەلدارلار خىتاي ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىشىغا قارىماي، خىتاينىڭ سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقى باشلانغاندىن بۇيان تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە باستۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، بۇ جەريان ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش، ھوقۇقىنى تۆۋەنلىتىش، تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن تەكشۈرۈلۈش، تۈرمىگە قاماش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئىجرا قىلىنماقتا.