ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يېڭى ئېلان قىلغان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ 2024-يىللىق ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلاتىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى قايتا تەكىتلەندى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەزكۇر دوكلاتىنى 12-ئاۋغۇست ئورگان تور بېتىدە ئېلان قىلغان. دوكلاتتا خىتاي رېجىمىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى تەپسىلىي بايان قىلىنغاندىن سىرت، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى نۇقتىلىق تىلغا ئېلىنغان.
دوكلاتتا خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئېتنىك، دىنىي توپلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى، 2017-يىلىدىن تارتىپ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە جازا لاگېرىغا قامىغانلىقى، خەلققە مېڭە يۇيۇش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكى، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، بالا چۈشۈرگۈزۈش قاتارلىق نوپۇس كونترول سىياسىتى سەۋەبلىك، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەنلىكى قەيت قىلىنغان.
دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي باستۇرۇشلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتى، ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى ئارقىلىق خەلقنى ئۆيىدە نازارەت قىلىشى، ئىلغار تېخنىكىلىق بىيولوگىيەلىك پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى كۆزىتىشى، خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ توختىماي شەرقىي تۈركىستانغا ئېقىشى قاتارلىق جىنايەتلىرى بايان قىلىنغان.
مەزكۇر يىللىق دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى، پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلەش، تۇتقۇنلارنى قىيىن-قىستاققا ئېلىش، چەت ئەلدىكى ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش قاتارلىق جىنايەتلىرىمۇ بايان قىلىنغان.
ئەمما ئىلگىرىكى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا 2024-يىللىق دوكلاتتا خىتاي، رۇسىيە، ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە قارىتىلغان تەنقىدلەر ئازايغان بولۇپ، خۇسۇسەن خىتايغا ئالاقىدار بەت سانى ئىلگىرى يىلدىكىنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمىگەن.
2021-يىلى 19-يانۋاردا، يەنى ئالدىنقى نۆۋەتلىك تىرامپ ھۆكۈمىتى ۋەزىپە مۇددىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قاراتقان سىستېمىلىق باستۇرۇش جىنايەتلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئېلان قىلغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىر قىسىم يىغىن ۋە دوكلاتلىرىدا بۇ مەسىلىسىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.