يەر شارىۋى سودىدىكى كۈچ تىركىشىشى 2018-يىلى ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى تاموژنا بېجى بىلەن باشلانغاندىن كېيىن، خىتاي ۋىرۇسى بىلەن ئۆزەك ئۇرۇشىغىچە سوزۇلغان جەريان داۋامىدا يېڭى پەللىگە چىقتى. خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى گېئوپولىتىكا ۋە گېئوئىقتىسادنىڭ پارچىلىنىشىدىن گېئوتېخنىكا دائىرىسىگە ئۆزگەرمەكتە.
ئىستانبۇل سودا گېزىتىنىڭ ئانالىز ماقالىسىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تىرامپ ھۆكۈمىتى يەر شارى سودا ئۇرۇشلىرىدا تاموژنا بېجىنى قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ئىقتىسادىي بېسىملارغا قارشى تۇرۇش ۋە كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا نىزامىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە،كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى (BRICS ؛ بىرازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، خىتاي ۋە جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىقلار) بىلەن يۇقىرى دەرىجىدە دىپلوماتىك ئالاقە قۇرۇشقا باشلىغان.
بۇ دىپلوماتىك يېقىنلىشىشنىڭ يېقىنقى مىساللىرى بولسا خىتاي ۋە بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئالاھىدە يېقىنلىشىشى ۋە بۇ يېقىنلىشىشنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپنىڭ بىرازىلىيەگە %50 تاموژنا بېجى قويۇش بىلەن تەھدىت سېلىشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققانلىقى دىققەت قوزغىغان.
يېقىنلىشىشنىڭ يەنە بىر ئېنىق مىسالى بولسا ھىندىستان باش مىنىستىرى مودىنىڭ خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتى بولۇپ، رۇسىيەدىن نېفىت ئېلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى سەۋەبلىك كۆپلىگەن مەھسۇلاتلاردا ئامېرىكىنىڭ %50 گىچىلىك تاموژنا بېجىغا ئۇچرىغان مودى بۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا يەتتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان تۇنجى قېتىم خىتايغا بېرىپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن.
ئۆتكەن يىلى ئىككى تەرەپلىك سودىسى رېكورت يارىتىپ، 244.8 مىليارد دوللارغا يەتكەن رۇسىيە خىتاينىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى سۈپىتىدە بۇ ئۆزگىرىشنىڭ مۇھىم بىر قىسمى دەپ قارالماقتا. ھىندىستان دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى بىلەن پۇتىن ئارىسىدا موسكۋادا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان يېقىنقى سۆھبەتلەردە مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى يەتكۈزۈش ۋە نېفىت سودىسى مەسىلىلىرى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، پۇتىننىڭ ھىندىستانغا زىيارەت قىلىش ئېھتىمالى قىزىقىش بىلەن كۆزىتىلمەكتە.
خىتاي بىر تەرەپتىن جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن مۇھىم كان بايلىقلىرى تەمىنات مەسىلىلىرىدە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىنASEAN دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، ئامېرىكىنىڭ جازا تەدبىرلىرىنىڭ تەسىرىنى ئازايتىشنى نىشان قىلماقتا.BRICS دۆلەتلىرىنىڭ دۇنيا نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن %45 نى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقاندىمۇ، خىتاينىڭ غەربكە قارىتا سەل قارىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئېنىق كۆرۈنۈۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر