بۇ يىل ئىيۇلدا خىتاي ئىقتىسادىدا روشەن ئاستىلاش ئالامەتلىرى كۆرۈنگەن بولۇپ، پارچە سېتىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئېشىشى قاتارلىقلار مۆلچەردىن تۆۋەن بولغانلىقتىن، خىتاي رېجىمى سىياسىي قوللاش تەدبىرلىرىنى يېڭىلاش بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە.
خىتاي ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، پارچە سېتىش يىللىق ھېسابتا پەقەت %3.7 ئۆسۈپ، %4.6 لىك مۆلچەرنىڭ خېلى تۆۋەن بولۇپ، ئىيۇن ئېيىدىكى %4.8 كە چېكىنگەن. سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى %5.7 ئۆسۈپ، 2024-يىلى نويابىردىن بۇيانقى ئەڭ ئاجىز ئۆسۈش بولۇپ قالغان، بۇ ئانالىزچىلارنىڭ %5.9 لىك مۆلچەرىدىن تۆۋەن بولغان.
مۇقىم مۈلۈك مەبلىغى يىلنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى %2.8 دىن دەسلەپكى يەتتە ئايدا %1.6 غا چېكىنگەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىل ئىچىدە %12 چۈشكەن ئۆي-مۈلۈك مەبلىغىدە ئېغىر تۆۋەنلەشنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولغان.
ئىشسىزلىق نىسبىتى ئىيۇل ئېيىدا %5.2 گە كۆتۈرۈلگەن. ئوقۇغۇچىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا ياشلارنىڭ ئىشسىزلىقى %14 نىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، ئىشچى كۈچى بازىرىدىكى قىيىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان.
ئىقتىسادشۇناسلار يېڭى رىغبەتلەندۈرۈش چارىسى بولمىسا، خىتاينىڭ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرماقتا.
نۆۋەتتە بېيجىڭ ۋە ۋاشىنگتون تاموژنا بېجىنى يەنە 90 كۈن ئۇزارتىش ھەققىدە كېلىشىمگە كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما جىددىيچىلىك يەنىلا داۋاملاشماقتا. ئانالىزچىلار ئاساسىي كېلىشمەسلىكلەرنىڭ، يەنى تېخنىكا، سودا ۋە گىئوپولىتىكىنىڭ ھەل قىلىنىشتىن خېلى يىراق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ يىل ئىچىدە بولۇشى مۇمكىن بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلارغا ئىشارەت قىلدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر