خىتاي چېخ پرېزىدېنتى پېتر پاۋېلنىڭ ھىندىستاندا تىبەتنىڭ دىنىي داھىيىسى دالاي لاما بىلەن يېقىندا كۆرۈشكەنلىكى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ بىلەن بارلىق مۇناسىۋەتلەرنى توختىتىپ قويغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
پېتر پاۋېل ئۆتكەن ئاي ھىندىستانغا قىلغان زىيارىتىدە دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭ 90 ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلىگەنىدى.
دالاي لاما تېنزىن گياتسو 1959-يىلى خىتاينىڭ تىبەتتىكى باستۇرۇشلىرىدىن قېچىپ ھىمالايا تاغلىرىدىكى دارامسالا كەنتىگە يەرلەشكەن. خىتاي تىبەتنى خۇددى شەرقىي تۈركىستانغا ئوخشاشلا ئۆز زېمىنىنىڭ بىر قىسمى دەپ بىلجىرلاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، دالاي لامانى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ كەلمەكتە.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ كۆرۈشۈشنىڭ «چېخ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي رېجىمىغا بەرگەن سىياسىي ۋەدىسىنى جىددىي شەكىلدە بۇزغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى» بىلدۈرۈپ چالۋاقىدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر