خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەرقايسى دۆلەتلەردە، بولۇپمۇ مۇسۇلمان ئەللەردە ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى يېپىش، مۇسۇلمانلارنى قايمۇقتۇرۇش، مەزكۇر دۆلەتلەردە ھەرخىل ئىمتىيازلارغا ئېرىشىش، شۇنداقلا بۇ ئەللەردە ئاتالمىش دوستلۇق باغچىلىرى نامىدا خىتاي ئۇسلۇبىدا باغچىلارنى سېلىش ئارقىلىق سىڭىپ كىرىشكە ئۇرۇنماقتا.
بۇنىڭ جۈملىسىدىن خىتاي بۇ قېتىم ئىراقنىڭ ئەربىل ۋىلايىتىگە كۆز تىككەن بولۇپ، ئەربىل باغچا باشقۇرۇش ئىدارىسى باياناتچىسى سەرۋەر ۋەيسى خىتاي ياساپ بەرگەن باغچىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ تاماملانغانلىقىنى ۋە يېقىندا ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئەربىل باغچا باشقۇرۇش ئىدارىسى باياناتچىسى سەرۋەر ۋەيسى: «بۇ يىل ماي ئېيىدا خىتايلارنىڭ ئۆز ئۇسلۇبىدا بىر باغچا ياساشقا باشلىغانلىقىنى، 90 كۈندە پۈتكۈزۈش مۆلچەرلەنگەن باغچىنىڭ 10-ئاۋغۇستتا تامام بولۇپ، ھازىر ئېچىلىش تەييارلىقى قىلىنىۋاتقانلىقىنى» بىلدۈردى.
ئەربىلنىڭ نازنازى مەھەللىسىگە جايلاشقان خىتاي باغچىسى 11 مىڭ كۋادرات مېتىرلىق كۆلەمگە ئىگە بولۇپ، باغچىدا 900 كۋادرات مېتىرلىك يېشىل رايون، 125 مېتىرلىق مېڭىش ۋە تەنھەرىكەت يولى بار.
مەزكۇر باغچا خىتاي باش كونسۇلخانىسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ئىدارىسى ۋە كۇردىستان رايونى شەھەرلىك ھۆكۈمىتى ھەمكارلىقى بىلەن ئىنشا قىلىنغان.
خىتاي مەزكۇر باغچىنىڭ ئىسمىنى «خىتاي باغچىسى» دەپ قويغان بولۇپ، باغچا ئوتتۇرىسىغا خىتاي راۋاقلىرىنىڭ تىكلىنىشى مۇتەخەسىسلەر تەرىپىدىن خىتاينىڭ يۇمشاق كۈچ ئارقىلىق سىڭىپ كىرىشىنىڭ روشەن ئىپادىسى دەپ قارالماقتا.
ئەربىل باغچا باشقۇرۇش ئىدارىسى باياناتچىسى سەرۋەر ۋەيسى خىتاي باش كونسۇلخانىسىنىڭ ئەربىل ۋىلايىتىدە ئۆز ئۇسلۇبىدا يەنە 8 باغچا ياساشقا ۋەدە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر