8-نۆۋەتلىك «ھۇررا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى» باشلاندى

يىللاردىن بۇيان پۇتبولسۆيەر شەرقىي تۈركىستانلىق ياشلارنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشى بىلەن ئىستانبۇلدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان «ھۇررا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى» 8-يىلىغا قەدەم قويغان بولۇپ، 14-ئاۋغۇست سەفاكۆي رايونىدا باشلاندى.

ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان پۇتبولسۆيەر ياشلار تەشكىللىگەن بۇ قېتىملىق پۇتبول مۇسابىقىسىگە جەمئىي ئون كوماندا قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئىلىم-مەرىپەت ۋەقفى ماددىي جەھەتتىن قوللىغان.

كوماندىلار قاتارىدا ھەريىلى ئىزچىل قاتنىشىپ، ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ كېلىۋاتقان كوماندىلاردىن سىرت، يەنە بىر قىسىم يېڭى تەشكىللەنگەن كوماندىلارمۇ ئورۇن ئالدى.

نۆۋەتتە گۇرۇپپا مۇسابىقىلىرى پەيشەنبىدىن تارتىپ باشلانغان بولۇپ، ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىلىپ داۋاملىشىدىغان ئايلانما مۇسابىقىدە جەمئىي تۆت كوماندا تاللىنىپ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئوينايدىكەن.

بۇ قېتىملىق «ھۇررا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى» بۇرۇنقى يىللاردىكىدەك ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىغا جايلاشقان نىھات يۈجەئۇر پۇتبول مەيدانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. مۇسابىقىلەر كۆپلىگەن ئۇيغۇر تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلماقتا.

بۇ خەۋەر 73 قېتىم كۆرۈلدى
16/08/2025 15:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق