ئىستانبۇلنىڭ يېنىكاپى رايونىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خەلقئارالىق ئەرەبچە كىتابلار يەرمەنكىسىدە شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى (ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى)نىڭ رەئىسى ئابدۇلۋارىس ئابدۇلخالىق ئاخبارات ساھەسى باش تېما قىلىنغان مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئىسلام دۇنياسىغا ئاڭلاتتى.
مەزكۇر كىتاب يەرمەنكىسى 9-ئاۋغۇستتىن 17-ئاۋغۇستقىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ھەركۈنى تۈرلۈك تېمىلاردا مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 15-ئاۋغۇستتىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا تۈركىيەدىكى ئەرەبچە ئاخبارات خىزمەتلىرى باش تېما قىلىنغان بولۇپ، تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئابدۇلۋارىس ئابدۇلخالىق ئەپەندى مەخسۇس شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى.
ئۇ ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى، خىتاي ئىشغالىيىتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، ئاخبارات، مېدىيا ساھەسىگە غايەت زور خىراجەت ۋە كۈچ ئاجراتقانلىقىنى، خۇسۇسەن ئىسلام دۇنياسىغا قاراتقان ساختا تەشۋىقاتىنى ئالاھىدە كۈچەيتكەنلىكىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بولسا ئۆز ئاۋازىنى يېتەرلىك ئاڭلىتالمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. سۆز قىلغۇچىلار يەنە يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان زىيارەتچىلەرنىڭ تۈرلۈك سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
كىتاب يەرمەنكىسىدە يەنە بىر قىسىم نەشرىياتچىلار، ئاكادېمىكلار، ژۇرنالىستلار ۋە ئۆلىمالار ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى، يۈرەك سۆزلىرىنى ئورتاقلاشتى. ئۇلار شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىسلام ئۈممىىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى، ئەپسۇسلىنارلىقى ئاۋازىنى ئىسلام دۇنياسىغا ئاڭلىتالمايۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش، ئاۋاز چىقىرىش ھەربىر ئىنساننىڭ، ھەربىر مۇسۇلماننىڭ بۇرچى ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى، غەززەدىكى، ئاراكاندىكى زۇلۇمنىڭ ھامىنى ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ھەرۋقىت ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.