تۈركىيەنىڭ تولۇق ئوتتۇرىغا كۆچۈش ئىمتىھانىدا (LGS) يۇقىرى نومۇر ئالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تەقدىرلەش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان «ئۈمىد مۇكاپاتى»نىڭ 5-نۆۋەتلىك تارقىتىش مۇراسىمى 16-ئاۋغۇست ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەقفى، ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەقفى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىكتە تەسىس قىلغان مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ تارقىتىش مۇراسىمى ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەقفى زالىدا ئۆتكۈزۈلدى، مۇراسىم قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى.
سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز مۇھەممەد ئۆمەر قارىھاجىم، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەتقىقاتچىسى دوكتور ئابدۇرېھىم دۆلەت، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان، ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەقفىدىن ئۇستاز ئابدۇلئەھەد ئۇجات قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، مۇھاجىرەتتە مائارىپ ساھەسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ زۆرۈرلۈكى، 5-يىلىغا قەدەم قويغان «ئۈمىد تەربىيەلەش پىروگراممىسى»نىڭ مەقسىتى، ئەھمىيىتى قاتارلىق نۇقتىلار بويىچە توختالدى.
بۇ يىل مەزكۇر مۇكاپاتقا 400 دىن يۇقىرى نومۇر ئالغان جەمئىي 25 ئوقۇغۇچى تىزىملاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە توققۇز ئوقۇغۇچى 450 دىن يۇقىرى نومۇر ئالغان. مۇراسىمدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن نۇرئىسلام خوجائوغلى494 نومۇر بىلەن بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ، ئالما مەكبۇك كومپيۇتېرى بىلەن، نۇرۇللاھ ئىلياس ئوغلى ۋە سەيفۇللاھ ئىلياس ئوغلى ئاكا-ئۇكا 475 نومۇر ۋە 467 نومۇر بىلەن ئىككىنچىلىككە ئېرىشىپ، ئاسۇس ماركىلىق خاتىرە كومپيۇتېرى بىلەن، 463 نومۇرغا ئېرىشكەن ئايشە مەھمەت ئوغلى ۋە 461 نومۇرغا ئېرىشكەن فاتىمە تەڭرىتاغ ئۈچىنچىلىككە ئېرىشىپ، ئايپەد بىلەن مۇكاپاتلاندى.
بۇلاردىن سىرت، 450 دىن يۇقىرى نومۇر ئالغان تۆت ئوقۇغۇچى 3000 لىرا نەق پۇل بىلەن، 400 نومۇردىن يۇقىرى ئالغان 16 ئوقۇغۇچى 2000 لىرادىن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلاندى.