خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيىتىنى پەردازلاش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر پارچىسى بولغان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، بىر نەچچە يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى»نىڭ بۇ يىللىقىنى خوتەندىكى سۈنئىي ياساپ چىقىلغان «يوتقان (Yotqan) قەدىمىي شەھىرى»دە ئۆتكۈزدى.
خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2025-يىللىق ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تېمىسىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى» خوتەنگە جايلاشقان، خىتاي قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىدىكى ساختا تارىخىي بىناكارلىق بىلەن قاپلانغان، بىر نەچچە يىل بۇرۇن قۇرۇپ چىقىلغان «يوتقان قەدىمىي شەھىرى»دە ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىدە «شىنجاڭ ياخشى جاي»، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» قاتارلىق نومۇسسىز ئىبارىلەر باش تېما قىلىنغان.
خەۋەردە بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى خىتاي مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ۋە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمەت»نىڭ بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاندىن ۋە خىتاينىڭ 25 ئۆلكىسىدىن كەلگەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراس تۈرىدىن 435 ى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراس ۋارىسلىرىدىن 383 كىشىنىڭ قاتناشتۇرۇلغانلىقى، كۆرگەزمىنىڭ 19-ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
خىتاي مەزكۇر كۆرگەزمىنى بەش يىلدىن بۇيان يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتلىرىدا ئاساسلىقى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان مىللەتلەرنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئاتالمىش «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى»نىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكى ياكى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە شەكىللەنگەنلىكىدەك سەپسەتىنى تەشۋىق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.
بۇلاردىن سىرت، خىتاي پائالىيەتتە باش تېما قىلغان ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» ۋە «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» ئىبارىلىرى كىشىنىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىۋاتقان غايەت زور تەبىئىي بايلىقلىرى، يېزا-ئىگىلىك، سانائەت مەھسۇلاتلىرى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ جان تومۇرىغا ئايلانغان، خىتاينى بېقىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» سەپسەتىسىنى بازارغا سېلىشى، شۇنداقلا خىتايلاردىن پۈتۈنلەي مۇستەقىل، پەرقلىق، شانلىق بىر مەدەنىيەتكە ئىگە بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە «مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» ئىبارىسىنى ئىشلىتىشى خىتاينىڭ ئۆز جىنايەتلىرىنى پەردازلاشتا، ساختا تەشۋىقاتلىرىنى بازارغا سېلىشتا قانچىلىك نومۇسسىز دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.