سىۋاس ۋىلايىتىدە شەرقىي تۈركىستان ۋە پەلەستىن ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيەنىڭ سىۋاس ۋىلايىتىدە ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، پەلەستىن ۋە شەرقىي تۈركىستاننى قوللاش ئۈچۈن «زۇلۇمغا قارشى سۈكۈت قىلمايمىز» باش تېمىسىدا زور كۆلەملىك نامايىش تەشكىللەنگەن.

15-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر نامايىشتا خەلق تۈركىيە، شەرقىي تۈركىستان، پەلەستىن بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ، پويىز ئىستانسىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ ، تارىخىي شەھەر مەيدانىغا يۈرۈش قىلغان. ئىستىقلال مارشى، قۇرئان تىلاۋىتى، تەكبىر، دۇئالار بىلەن داۋاملاشقان يۈرۈشتە نامايىشچىلار شەرقىي تۈركىستان ۋە پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلاشقان.

ئالاقىدار خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، نامايىشقا پارتىيە ۋەكىللىرى، تەشكىلات مەسئۇللىرى، شەھەر باشلىقى ۋە زور تۈركۈمدە خەلق قاتناشقان.

بۇ خەۋەر 101 قېتىم كۆرۈلدى
20/08/2025 18:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق