سان-سىپىرلار بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ مىقدارىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى كۈنسېرى زورايتىۋاتقان بولۇپ، پەقەت قومۇل – چۇڭچىڭ لىنىيەسى ئارقىلىق بىر نەچچە ئاي ئىچىدە خىتايغا توشۇلغان توك مىقدارى بۇلاڭ-تالاڭنىڭ قانچىلىك زور كۆلەمدە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 17-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ياساپ چىققان قومۇل − چۇڭچىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئىككى ئاي ئىچىدىلا جەمئىي يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى بەش مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشقان. يەككە كۈندىكى ئەڭ كۆپ توك يەتكۈزۈش مىقدارى 100 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېقىنلىشىپ، چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە توك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىر قىسمىنى ئىگىلىگەن.

خەۋەردە چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ بۇ يىل ياز پەسلىدىكى توك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ بۇرۇنقىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى، بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە شەرقىي تۈركىستاندىن يەتكۈزۈلگەن توكنىڭ خىتايلارنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجى ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرلۈك بايلىقلارنىڭ خىتاي ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم بولۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

قومۇل − چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى 2023-يىلى 8-ئايدا باشلانغان بولۇپ، بۇ يىل 6-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنىدى. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2260 كىلومېتىر بولغان بۇ لىنىيەنىڭ ھەر يىلى چۇڭچىڭغا 36 مىليارد كىلوۋات سائەت توك يەتكۈزىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

بۇ پەقەت خىتايغا توك يەتكۈزۈۋاتقان بۇلاڭ-تالاڭ لىنىيەسىنىڭ بىرى بولۇپ، باشقا ئېلېكتىر لىنىيەلىرى، تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش لىنىيەلىرى بىر سېكۇنتمۇ توختاپ قالماي، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقلىرىنى خىتايغا توشۇماقتا.

بۇ خەۋەر 80 قېتىم كۆرۈلدى
20/08/2025 18:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق