ئالما شىركىتى خىتايغا بېقىنىپ قېلىش مەسىلىسىنى جىددىي ئازايتماقتا

ئالما شىركىتى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن تەمىنلەش زەنجىرىدە خىتايغا بولغان تايىنىشنى ئازايتىش نىشانىدا مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا يەتكەن بولۇپ، بىلۇمبېرگنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىركەت iPhone 17 نۇسخىسىنىڭ ھەممىسىنى ھىندىستاندا ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغان. بۇ ئۆزگىرىش بىلەن بىللە يېڭى iPhone  تىپلىرى تۇنجى قېتىم خىتاي بىلەن بىر ۋاقىتتا ھىندىستاندىمۇ بازارغا سېلىنىدىكەن.

شىركەتنىڭ ھىندىستاندىكى ئىشلەپچىقىرىشى ئىلگىرى خىتايغا سېلىشتۇرغاندا ھەپتىلەپ، ھەتتا ئايلاپ كەينىدە قالغان بولۇپ، ئالما شىركىتى iPhone 16 بىلەن بۇ پەرقنى يوقىتىشنى نىشان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھىندىستاندىكى قۇراشتۇرۇش جەريانى بىرنەچچە ھەپتە كېچىككەنىدى. نۆۋەتتە iPhone 17  نۇسخىسى بىلەن بۇ كېچىكىش پۈتۈنلەي يوق قىلىنغان بولۇپ، بۇندىن كېيىنPro  نۇسخىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا بارلىق نۇسخىلارنىڭ ھىندىستاندا ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئامېرىكىغا تونۇشتۇرۇش كۈنىدىن باشلاپلا ئەۋەتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ ئۆزگىرىش ئالما شىركىتىنىڭ ھىندىستاندىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى ئاشۇرۇش يۆنىلىشىدىكى ئىستراتېگىيەلىك قەدەملىرى نەتىجىسىدە مۇمكىن بولغان بولۇپ، يېقىندا ئېچىلغان ئىككى يېڭى زاۋۇت بىلەن ھىندىستاندىكى ئومۇمىي iPhone ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىنىڭ سانى بەشكە يەتكەن. بۇ كېڭىيىش ئالما شىركىتىگە پەقەت ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرىنىڭ خىلمۇ خىللىقىنىلا ئەمەس، شۇنداقلا گېئوپولىتىكىلىق ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېخىمۇ ياخشى تەمىنلەش زەنجىرىنى تەمىنلىگەن.

ئامېرىكىنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارغا قوللانغان يۇقىرى تاموژنا باجلىرىمۇ ئالما شىركىتىنىڭ بۇ يۆنىلىشىنى تېزلەشتۈرگەن. بولۇپمۇ خىتايدىن كەلگەن مەھسۇلاتلاردىكى قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئالما شىركىتى ئۈچۈن چىقىم بېسىمى ھاسىل قىلغان بولۇپ، ھىندىستاندا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاشۇرۇلۇشى شىركەتنىڭ بۇ بېسىمنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشىغا ياردەم قىلغان. تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ھىندىستاندىن كەلگەن مەھسۇلاتلارغا قوللانغان %50 تاموژنا بېجى قىسقا ۋاقىتلىق تەھدىت ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، ئالما شىركىتىنىڭ ئامېرىكا ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىسىدىكى سىياسەتلىرى ۋە بەرگەن ئاممىۋى ئۇچۇرلىرى نەتىجىسىدە، بۇ باجلاردىن كەچۈرۈم قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 88 قېتىم كۆرۈلدى
20/08/2025 18:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق